زەيدىن يۈسۈپ ۋە بارىن ئىنقىلابى

0:00 / 0:00

بارىن ھەركىتى 80-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان، كۆلىمى ۋە تەسىرى چوڭ بولغان قوراللىق ئىنقىلابى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇ ئىنقىلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى زامان سىياسى تارىخىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇيغۇرلار بارىن قوراللىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى زەيدىن يۈسۈپنى تارىختىكى مىللى قەھرىمانلىرى قاتارىدا ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ ۋە ياد ئېتىدۇ. بارىن ئىنقىلابنى بولسا ئۆزلىرىنىڭ كۆزىنى ئاچقان ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەر خىل شەكىلدىكى ھەرىكەتلەرگە كۈچ ئاتا قىلغان ھەركەت، دەپ باھا بېرىدۇ.

زەيدىن يۈسۈپنىڭ خىتاي ئەسكەرلىرى بىلەن بولغان توقۇنۇشتا، قانداق شېھىت بولغانلىقى، ئۇنىڭ تەربىيىلىنىش ئەھۋالى ۋە كىشىلىك پەزىلەت- خارەكتېرلىرى قاتارلىقلار ئۇيغۇرلار قىزىقىدىغان تېمىلارنىڭ بىرى.

بىز بۇ ھەقتە زەيدىن يۈسۈپنىڭ كانادادا ياشاۋاتقان يېقىن سەپدىشى، ئابلەت نۇر ئەپەندىگە مۇراجىئەت قىلدۇق. ئابلەت نۇر ئەپەندى زەيدىن يۈسۈپنىڭ ئۆز ئېيتقانلىرىنى ئەمەلىيىتىدە ئىسپاتلىغانلىقىنى ۋە ئىنقىلاپ جەريانىدا دۈشمەننىڭ قولىغا تىرىك چۈشمەستىن، قەھرىمانلارچە شېھىت بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئالى مائارىپ تەربىيسى كۆرۈش ئارزۇسىغا يېتەلمىگەن بولسىمۇ، ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىپ، ئۆزىنى يېتىلدۈرگەنلىكى ۋە تەبلىخ- نۇتۇقلىرىنىڭ كىشىلەرنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى بايان قىلدى.