3 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن بۈگۈنگە قەدەر داۋام قىلىۋاتقان گېرمانىيە ئاخباراتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە خىتايغا ئائىت مۇنازىرىلەر مىڭلىغان كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلماقتا.
ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى دەپسەندە قىلىنماقتا
28 - مارت كۈنى گېرمانىيىدىكى بىرىنچى چوڭ گېزىت بولغان "فرانكفۇرت ئالگەمەئىنە گېزىتى"نىڭ مۇخبىرلىرى خىتاي زىيالىيسى، مەشھۇر مودېرنىزم سەنئەتكارى ئەي مومونى زىيارەت قىلىپ، "ھەقىقەتنىڭ ۋاقتى كەلدى" ناملىق بىر ئەسەر ئېلان قىلغان. ئۆزىگە جۇنەجۇنە دەپ تەخەللۇس قويۇۋالغان، گېرمانىيىدە 10 يىل ياشىغان يەنە بىر خىتاي ئايال بولسا „ۋاقىت" تور بېتىدە „ھەقىقەت ئارىدىكى بىر يەردە" ناملىق ئەسەرنى ئېلان قىلىپ، ئەي مومونىڭ پىكرىگە تۈپتىن قارشى ھالدا پىكىر بايان قىلغان. نەتىجىدە، بۇ ئىككى خىتاينىڭ زىددىيەتلىك پىكىرلىرى كەسكىن بەس - مۇنازىرىنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە سەۋەبچى بولغان. بۇ مۇنازىرە نۇرغۇن تور بەتلىرى ۋە گېزىتلەرگە كۆچۈرۈپ بېرىلىپ كەڭ تارقىلىشقا باشلىغان. مۇنازىرىگە كۆپلىگەن گېرمان زىيالىيلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان. گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ تور بېتىمۇ، بارلىق مۇنازىرىلەرنى تولۇق كۆچۈرۈپ ئېلان قىلغان.
"فرانكفۇرت ئالگەمەئىنە گېزىتى" نىڭ 28 - مارتتىكى خەۋىرىدە، يالغۇز تىبەتلىكلەرلا ئەمەس، تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپ بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭمۇ خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى كىرىش سۆز سۈپىتىدە بېرىلگەن.
ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ غەزەپ - نەپرىتى قانداق پەيدا بولدى؟
„ھەقىقەتنىڭ ۋاقتى كەلدى" ناملىق بۇ ئەسەر تېمىسىنىڭ مەزمۇن تەرجىمىسى „ھەقنى سۆزلەيدىغان ۋاقىت كەلدى" دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، ئەي مومو خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ساختىپەز بىر ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنىڭ مۇستەبىت بىر سىياسەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: „بۇ قېتىمقى تىبەت قوزغىلىڭى خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئىسپاتلىدى". "بىز خىتايلار تارىختىن بۇيان، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نۇرغۇن ئىبادەتخانىلىرىنى ۋە مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىپ تاشلىدۇق." ئەي مومو يەنە، "ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بۇ غەزەپ - نەپرىتى قانداق پەيدا بولدى؟ ئەجىبا بىز، ئۇلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتلىرىگە تۈپتىن يات بىر جەمئىيەتنى بەرپا قىلىپ قويۇپ، يەنە ھەممە ئىش نورمال دەپ چۇقان سالامدۇق؟" دېگەن.
ئەي مومو ئۆز سۆزىدە، خىتاينىڭ بارلىق ئۇچۇرلارنى يۈكسەك دەرىجىدە قامال قىلىۋاتقانلىقىنى، خەلققە غەرب ئەللىرىنى دۈشمەن قىلىپ كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، ھەقىقەتنى بىلدۈرۈشتىن قورقىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي مىللىتىنىڭ سەلبىي خاراكتېرىنى كۆرسىتىپ "جۇڭگولۇقلاردا ئاجىزلار ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئەنئەنىسى يوق. ئاجىزلار زىيان تارتقۇچىدۇر. بۇ جەمئىيەتتە ئۇلارغا ئورۇن يوق. بۇ جەمئىيەت غالىبلار بىلەن كۈچلۈكلەرنىڭ جەمئىيىتى" دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
غەرب خىتاي دۈشمەنلىكىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ
ئەي مومونىڭ پۈتۈن پىكىرلىرى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلىشقا مەركەزلەشكەن بولۇپ، جۇنەجۇنە تەخەللۇسلۇق خىتاي „ھەقىقەت ئارىدىكى بىر يەردە" ناملىق ماقالىسىدە ئۇنىڭ پىكىرلىرىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنغان. ئۇ سۆزىدە، تىبەتنىڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، ھەر قانداق ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى توپىلاڭنى تىنجىتىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ تىبەت مەسىلىسىدە قوللانغان تەدبىرلىرىنىڭ توغرىلىقىنى، ئۆزىنىڭ بىر خىتاي بولۇش سۈپىتى بىلەن دۆلىتىنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوغداش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى، غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ تىبەتتىكى قان تۆكۈلۈشنى كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلىپ، خىتاي دۈشمەنلىكىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى شەرھىلىگەن. "ۋاشىنگتون پوچتىسى" گېزىتى، نېپالدىكى تىبەتلىكلەر ۋەقەسىنى لخاسادىكى ۋەقە دەپ خاتا ئېلان قىلغان بىر رەسىمنى، گېرمانىيىدىكى بارلىق مەتبۇئاتلار ۋە ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنىڭ كۆچۈرۈپ ئېلان قىلغانلىقىنى پاكىت قىلىپ كۆرسەتكەن.
تامامەن كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ ئىرادىسىگە ئۇيغۇن پىكىر بايان قىلغان جۇنەجۇنەنىڭ سۆزلىرى كۈچلۈك قارشىلىققا دۇچ كەلگەن. تىبەت مەسىلىسىنى بەش قولدەك بىلىدىغان نۇرغۇنلىغان گېرمان زىيالىيلىرى، ئۇنىڭ تەشۋىقاتىنىڭ مېزىنى چۇۋۇۋەتكەن. تىبەتنىڭ ھېچ قاچان خىتاينىڭ بىر قىسمى بولمىغانلىقىنى، 1949 - يىلى شەرقىي تۈركىستان خىتاي كوممۇنىست ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئىستىلا قىلىنىپ بىر يىلدىن كېيىن، خىتاينىڭ تىبەتنى بېسىۋالغانلىقىنى پاكىتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇيغۇر ۋەتىنى بېسىۋېلىنغان زېمىن
بۇ مۇنازىرە ئارىسىدا مىكە ئوسكار ئىسىملىك بىر گېرمان زىيالىيسى، ماۋزېدۇڭنىڭ 1950 - يىلى ئۆز گېنېراللىرىغا مۇنداق دېگەنلىكىنى پاكىت سۈپىتىدە كۆرسەتكەن: "شىزاڭ بولسا شىنجاڭ ئەمەس. قەدىمقى شىنجاڭ جەمىيىتىدە 200 مىڭدىن 300 مىڭغىچە خىتاي ياشىغان. ئەمما تىبەتتە بىرمۇ خىتاي يوق. سىلەر خىتاي ئاياق باسمىغان ئۇنىڭدىن باشقا بىر دۆلەتنى تېپىپ بېقىڭلار قېنى."
ماۋزېدۇڭنىڭ بۇ سۆزى دىققەتكە ئەرزىيدىغان بىر قانچە مەنىدىن بىشارەت بەرگەن. بىرى، ئۇيغۇر ۋەتىنى ۋە تىبەتنىڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى ئەمەسلىكى كۆرسىتىلگەن. ئىككىنچىدىن، تىبەتلىكلەرنىڭ ھېچ قاچان خىتايغا تىبەتتە ياشاش ھەققى بەرمىگەنلىكى كۆرسىتىلگەن. ئۈچىنچىدىن، 1950 - يىللارغىچە ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ياشىغان خىتاينىڭ نوپۇسىنىڭ 300 مىڭدىن ئاشمىغانلىقى ئېتىراپ قىلىنغان. تۆتىنچىدىن، ئۇيغۇر ۋەتىنى ۋە تىبەتنىڭ خىتاي قىزىل ئارمىيىسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.
سۇنجوڭشەن: ئۇيغۇرلار ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ
مەلۇمكى، در. سۇنجوڭشەن جۇڭخۇا مىنگونى قۇرغان ۋاقتىدا، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە موڭغۇللارنىڭ خالىسا ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭ پاكىتى ئۇيغۇر سىياسىيونلىرىنىڭ قولىدا ھازىرمۇ مەۋجۇد. ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان جياڭ جيېشى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە موڭغۇللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ياپون ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىر تەرەپ قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، در. سۇنجوڭشەننىڭ ۋەدىسىگە خىيانەت قىلغان.
1949 - يىلى ئۇيغۇر ۋەتىنىگە بېسىپ كىرگەن خىتاي قىزىل ئارمىيىسى بولسا، گومىنداڭنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قالدۇق كۈچلىرىنى تازىلاپ بولۇپلا چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ، ئۇيغۇر زېمىنىنى مۇستەملىكىسىگە ئېلىۋالغان. ھالبۇكى، ماۋزېدۇڭ، 1927 - يىلى كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ بىر يىغىنىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تونۇشنى تەشەببۇس قىلغان. بۇنىڭ پاكىتلىرىمۇ ھېلىھەم ساقلانماقتا. مەزكۇر مۇنازىرىدە ھېچ بىر خىتاي ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئۆزلىرى بەرگەن ۋەدىدە تۇرمىغانلىقى گېرمان زىيالىلىرىنىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرگە ئائىت بۇ مۇنازىرىنىڭ مەزمۇن دائىرىسى كەڭ، پىكىر قاتناشتۇرغۇچىلار سانى كۆپ بولۇپ، ھېلىمۇ قىززىق بىر تېما سۈپىتىدە داۋام قىلماقتا. بىز بۇ مۇنازىرىدىن پەقەت قىسقىچە ئۈزۈندىلەر تەقدىم قىلىش بىلەن چەكلەندۇق. (ئەكرەم)