مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىمۇ ياكى كۆچەت تىكىش ئۇقتۇرىشىمۇ ؟

0:00 / 0:00

ئىستانسىمىزنىڭ تەكلىپ قىلىنغان ئوبزورچىسى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى بىر قانچە كۈندىن بېرى، خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويغان ئاپتونومىيە قانۇنى ۋە ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىش ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بۈگۈن ئۇ مىللىي تېررىتوريىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ ھەقىقى ماھىيىتى توغرىسىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، مەزكۈر قانۇننىڭ 27 ‏- ماددىسى ھەققىدە توختالدى.

"مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى" نىڭ 27 - ماددىسى:

مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى قانۇندىكى بەلگىلىملەرگە ئاساسەن، ئۆز تەۋەسىدىكى يايلاق ۋە ئورمانلارغا ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىنى ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش ھوقۇقىنى بەلگىلەيدۇ.

مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى يايلاق ۋە ئورمانلارنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ ۋە بەرپا قىلىدۇ. كۆچەت - جىرىم تىكىش ۋە ئوت - چۆپ تېرىشقا تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ ۋە ئىلھام بېرىدۇ. ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ يايلاق ۋە ئورمانلارغا ھەر قانداق ۋاسىتە بىلەن بۇزغۇنچىلىقى قىلىشىنى مەنئىي قىلىدۇ. يايلاق ۋە ئورمانلاردا ئوت - چۆپ ۋە دەل - دەرەخلەرنى ۋەيران قىلىپ تېرىلغۇ يەر ئېچىشنى مەنئىي قىلىدۇ.