0:00 / 0:00
يېقىندا "يېڭى بېيجىڭ گېزىتى" مەسئۇللىرى خىزمەتتىن توختىتىلغاندىن كېيىن، گېزىتخانىنىڭ مۇخبىرلىرى قىسقا مەزگىللىك ئىش تاشلاپ نارازىلىق بىلدۈردى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاي كومپارتىيىسى مەزكۇر گېزىت رەھبەرلىك ئورگىنىنى تەرتىپكە سالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئىشلار خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مەتبۇئات ساھەسىدىكى ھەقىقى ماھىيىتىنى ئاشكارە قىلدى.
ئوبزورچىمىز سىدىق ھاجى روزى بۇ ھەقتە سىياسىي مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسىنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق ئاخبارات ئەركىنلىكى يوقلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.