0:00 / 0:00
خىتاي جەمئىيىتىدىكى ئىقتىسادىي ئىسلاھات كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ئارىسىدا كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمى ۋە بۇ خى كىرىم پەرقى كەلتۈرۈپ چىقارغان سىياسىي مەسىلىلەر كىشىلەردە ئەندىشە پەيدا قىلماقتا.
جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى تاپاۋەت پەرقى ۋە تەقسىمات كىرىزىسى شەھەرلەر بىلەن يېزىلار ئارىسىدا گەۋدىلىك بولۇپ، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي پەرق ھۆكۈمەت سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
ئوبزورچىمىز سىدىق ھاجى روزى بۇ مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.