نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر خىل شەكىلدىكى شىركەت ھەم مەھسۇلاتلارنىڭ بارغانچە كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، تۈرلۈك ماركىلار بارلىققا كېلىۋاتقان بولۇپ، بەزى كارخانىلار ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش ياكى داڭدار ناملار ئارقىلىق ئىستىمالچىلارنى قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا خاس بولغان تارىخىي، مەدەنىي نامايەندىلەرنىڭ ناملىرىنى ماركا قىلىپ بەس - بەستە ئىشلەتمەكتە.
ھەر قانداق كارخانا داڭلىق ماركا يارىتىپ بازار ئىگىلەشكە ئۇرۇنىدۇ ئەلۋەتتە، ئەمما بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، ھازىر ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي مىراسلىرى، تارىخىي يادىكارلىقلىرى مەھسۇلات نامى قىلىنغاندىن باشقا ئاماننىساخان، ئوغۇزخان، بۇغراخان دېگەندەك ئۇيغۇرلار ئۇلۇغلاپ كېلىۋاتقان تارىخىي شەخسلەرنىڭ ناملىرىمۇ ھاراق، تاماكىغا ئوخشاش مەھسۇلاتلارنىڭ ماركىلىرى ئورنىدا ئىشلىتىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر ئېلىدە ماركا ھەققىدە تۈرلۈك مۇلاھىزىلەرنى پەيدا قىلىۋاتقان ئىكەن.
بەزىلەر "كارخانىلار ئۈچۈن داڭلىق ماركا شۇ شىركەت -زاۋۇتلارنىڭ مەھسۇلاتنىڭ كۈچىنى ئەكس ئەتتۈرگەندەك، بىر مىللەت تارىخى ھەم مەدەنىيىتىدىكى نامايەندىلەر، شۇ مىللەتنىڭ تارىخى، مەدەنىيەت يىلتىزى، مىللىيلىكىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىنتايىن چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە مەنىۋى ھادىسە.
نۆۋەتتە تاۋار ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ پەقەت مەھسۇلاتىنىڭ سېتىلىشىنىلا ئويلاپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چوڭقۇر مەناغا ئىگە ئۇلۇغلارنىڭ ناملىرىنى تاۋارغا ئايلاندۇرىشى، بولۇپمۇ ھاراق، تاماكىغا ئوخشاش مەھسۇلاتلارغا، رېستۇران، قاۋاقخانىغا ئوخشاش ئورۇنلارغا ماركا قىلىپ ئىشلىتىشى، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، دىنىي ئۆرۈپ - ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلمىغانلىق ھەتتا مىللىي كەمسىتىش ھېسابلىنىدۇ" دىگەندەك پىكىرلەردە بولسا، يەنە بەزىلەر "ئۇيغۇرلارغا ھەم ئۇيغۇر ئېلىگە خاس بولغان ناملارنىڭ ماركا بولۇپ چوڭ بازارلارغا سېلىنىشى، مەھسۇلاتلارنىڭ داڭ قازىنىپ، بازار تېپىشىدىن باشقا، ئۇيغۇر ئېلى ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ تونۇلىشىغىمۇ پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن" دەپ قارىماقتا ئىكەن .
ماركا سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلاردا پەيدا بولغان بۇ تالاش- تارتىشلار چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلاردىمۇ ئويلىنىش پەيدا قىلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن داڭلىق ئوبزورچى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق .