قەشقەردە پارتىيىگە ئەزا بولۇپ كىرگۈچىلەرنىڭ % 84 نى ئۇيغۇرلار ؟

0:00 / 0:00

خىتايدا دېموكراتىيىنى ياقلىغۇچى يىراقنى كۆرەر زىيالىيلار 2008 - يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ "پۇقرالار روھىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئەركىنلىكنى قوغدايدىغان،" "ئولىمپىكنىڭ ئوت يالقۇنى پۇقرالار روھىغا تۇتاشقان"ئولىمپىك بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلماقتا.

ئوبزورچىمىز سىدىقھاجى روزى بۇ ھەقتىكى ئوبزورىدا خىتاي پۇقرالىرى نېمىگە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ ؟ ئۇيغۇر پۇقرالىرى نىمە قىلىۋاتىدۇ ؟ دەپ سوئال قويىدۇ. شۇنداقلا، " بۇلارنى سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى،" دەپ تەكىتلىگەن سىدىقھاجى روزى، پارتىيىدىن چېكىنىپ چىققان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ 24 مىليوندىن ئاشقانلىقىنى، لېكىن قەشقەردە كومۇنىستىك پارتىيىگە ئەزا بولۇپ كىرگۈچىلەرنىڭ % 84 نى ئۇيغۇرلار ئىگىلەيدىغانلىقىنى سېلىشتۇرۇپ تەنقىد ئېلىپ بارىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، سىدىقھاجى روزى ئەپەندىمنىڭ مەزكۇر ئوبزورىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.