خىتاينىڭ رابىيە خانىمغا قاراتقان يېڭى ئىستىراتېگىيىسى
2007.10.18
شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ خەلقئارا سىياسىي سەھنىلەردىكى تەسىرىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىشى، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنى قاتتىق ساراسىمىگە سالماقتا ۋە يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان رابىيە خانىمغا قاراتقان ھۇجۇم ئىستراتېگىيىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئىچكى ۋە تاشقى تەشۋىقاتلىرىدا رابىيە خانىمنىڭ ئىقتىسادى مەسىلىلىرىنى نۇقتىلىق ئورۇنغا قويۇپ، ئۇنىڭغا، " ئىقتىسادى جىنايەتچى " دېگەن قالپاقنى كەيدۈرۈش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ بىگۇناھ ئىنسانلارغا زىيانكەشلىك قىلىشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ۋاستىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلانغان " سېسىتىپ يوقىتىش " تاكتىكىسىنى قوللىنىپ كەلمەكتە.
ئەمما شۇ بىر ئەمەلىيەتكى، خىتاي ھاكىمىيىتى رابىيە خانىمنى سېسىتىمەن دېگەنسىرى، ئۆزى سېسىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدا ئۆزلىرىنىڭ نامەرتلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاپ بەرمەكتە.
مەسىلەن، يېقىنقى بىر - ئىككى ھەپتىدىن بۇيان خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرى، ئىنتېرنېت دۇنياسىدىكى ئەڭ زور سىنالغۇ فىلىملىرىنى تارقىتىش مەركەزلىرىنىڭ بىرى ھېسابلانغان "يوتۇب" تور بېتىدە، رابىيە خانىمنى ئىقتىسادى جەھەتتىن قارىلاشنى ئاساسى مەزمۇن قىلغان كۆپلىگەن سىنالغۇ فىلىملىرىنى ئارقا - ئارقىدىن ئېلان قىلماقتا.
بۇ فىلىملەردە، خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن مەقسەتلىك ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋە تېگى - تەكتى نامەلۇم بولغان بەزى غۇرورسىز ئۇيغۇر شەخىسلەر، ئۆزلىرىنى قانداقتۇر رابىيە خانىمنىڭ ئالدىمىغا ئۇچراپ ئىقتىسادى جەھەتتىن ۋەيران بولغانلار قىلىپ كۆرسىتىپ، رابىيە خانىمنىڭ كۆپلىگەن كىشىلەردىن ئالغان قەرزىنى تۆلىمەي ئامېرىكىغا قېچىۋالغانلىقىنى، ھەتتا رابىيە خانىم تەرىپىدىن ئەينى چاغدا قۇرۇلغان ۋە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان " مىڭ ئانا شىركىتى " نىمۇ باشقىلاردىن پۇل ئۈندۈرۈۋېلىش مەقسىدىدە قۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ئوبزورچىمىز پەرھات مۇھەممىدىنىڭ بۇ ھەقتە يۈرگۈزگەن مۇلاھىزىسىنىڭ تەپسىلاتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدىكى مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى يەنىمۇ كېڭەيتمەكتە
- ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى بارغانچە ئۈمىدسىزلىك قاينىمىغا پېتىپ بارماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ يالغان دېموكراتىيىسى
- ۋاڭ لېچۈئەن : شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم، ئەل ئىناق، تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق
- غۇلجا ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن كۆمۈر كان ھادىسىسىدە كان ئىگىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنمىدى
- خىتاي قاناستا ئامېرىكىنىڭ يېلوۋستون مەملىكەتلىك باغچىسىدىنمۇ چوڭ كۆلەملىك باغچە قۇرماقچى
- ۋاڭ لېچۈەن، مۇقىمسىزلىق ئۇيغۇر ئېلىدە يەنىلا جىددىي مەسىلە، دېدى
- ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى روزا ھېيتنى كۈتۈۋالدى
- لوندوندىكى ئۇيغۇر ئانسامبىلى ئىرلاندىيىدە ئويۇن قويدى
- ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، مۇبارەك روزا ھېيتىڭلار قۇتلۇق بولغاي !
- مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ تىل بىرلىكى
- خىتاي تارىم ئويمانلىقىنى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت بازىسىغا ئايلاندۇرماقچى