0:00 / 0:00
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ۋە خىتاي يازغۇچىلىرىنىڭ يازغان ماقالىلىرىدا "پارتىيە مەدەنىيىتى" دېگەن يېڭى ئۇقۇم قايتا - قايتا تەكرارلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىستانسىمىز تەكلىپ قىلغان ئوبزورچى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى، پارتىيە مەدەنىيىتىنىڭ قانداق مەيدانغا كەلگەنلىكى ھەققىدە ئۆزىنىڭ بىر قاتار پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.