رابىيە قادىر: ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە جىنايەت يوللىرىغا مەجبۇرلىنىشى بىر سىياسىي مەسىلە
-
2006-07-07 -
-
-
يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ ئاپىرىپ، تۈرلۈك جىنايى ئىشلارغا مەجبۇرلاش، ئۇلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرى ئېغىر دەرىجىدە دەخلىگە ئۇچراش ئەھۋاللىرى داۋاملىق تەكىتلىنىۋاتقان بىر مەسىلە.
گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەزى كىشىلەر، بۇ مەسىلىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنىڭ تۆۋەنلىكى، مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ ئاجىزلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر ئىجتىمائىي مەسىلە دەپ قاراۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى، بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغان بىر سىياسىي ھەم مىللىي مەسىلە دەپ مۇلاھىزە قىلىشماقتا.
ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن پائال ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ ئاپىرىلىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە توختالدى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ كېتىلگەن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ تەقدىر- قىسمەتلىرىدە يەنىلا ئۆزگىرىش يوق
- گۇاڭجۇدا ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلاندى
- گۇاڭجۇدا خىتاي ساقچىلىرى بىر ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈردى
- بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ئادەم سېتىش سودىسى ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى
- خىتايدا بالىلار ئادەم بېدىكلىرىنىڭ قولىدا تاۋار مالغا ئايلانماقتا
- ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئالداپ - سېتىش داۋام قىلماقتا