دۇنيا مىقياسىدا ئاياللار ھوقۇقىدا ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرلەش بولدى


2004.09.20
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نوپۇس فوندى جەمئىيىتى يېقىندا بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۆتكەنكى 10 يىلدىن بۇيان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاياللار ھوقۇقىنى قوغداشقا كۈچ چىقارغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ تۇغۇت ئىشلىرىغا تىببىي داۋالاش مۇلازىمەتلىرىنى يەتكۈزۈش جەھەتلەردە ئىلگىرلەشلەرنى ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭدا يەنە، بۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مەبلەغقە ئېھتىياج بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

تۇغۇت نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ئاياللارنىڭ ئورنىنى ياخشىلاش

ب د ت نوپۇس فوندى جەمئىيىتى 10 يىل ئاۋال مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدە چاقىرغان يىغىنىدا، دۇنيا بويىچە تۇغۇت نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ۋە كەمبەغەللەر نوپۇسىنى ئازايتىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسىنىڭ ئاياللارنىڭ ئورنىنى ياخشىلاش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. مەزكۈر فوندى جەمئىيتىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان -2004يىللىق دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر نوپۇس ئەھۋالى دوكلاتىدا يەنە، 10يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كەمبەغەللەر نوپۇسىنى ئازايتىش ۋە ئاياللارغا تۇغۇت داۋالاش شارائىتلىرىنى يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپ ئىلگىرلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى كۆرسىتىلگەن. ب د ت فوندى جەمئىيىتى باياناتچىسى ئومار گارزىدىن (Omar Gharzeddine) ئەركىن ئاسىيا رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، -1994يىلىدىكى قاھىرە يىغىنىدىن كېيىن، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ نوپۇس مەسىلىسىنى ھۆكۈمەتنىڭ تەرەققىيات پىلانىدا مۇھىم ئورۇنغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى:

" ئاساسىي جەھەتتىن ب د ت نوپۇس فوندى جەمئىيىتى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان دۇنيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان 151 دۆلەتنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغان مۇناسىۋەتلىك قانۇن ۋە بەلگىلىمىلەرنى چىقاردى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا تەخمىنەن 131 دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋالقى بەلگىلىمىلىرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ئاياللارنىڭ تۇغۇت ھوقۇقىنى قوغداشقا تىرىشتى"

ئاياللار ھوقۇقىنى قوغداش تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولمىدى

ئەمما ب د ت نوپۇس فوندى جەمئىيىتى دوكلاتىدا يەنە، 10 يىل ئاۋال قاھىرەدە ئوتتۇرىغا قويغان نىشانلارنىڭ نۆۋەتتە تېخى نۇرغۇن رىقابەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ رىقابەتنىڭ مەبلەغ مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭدىن سىرت يەنە تەرەققىيات تەكشى بولماسلىق مەسىلىلىرىمۇ مەۋجۇت بولماقتا. بۇ ھەقتە گارزىدىن ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ:

" پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىن قارىغاندا، تىببىي داۋالىنىش تۈزۈلمىسى ھەمدە بايلار ۋە كەمبەغەللەر ئوتتۇرىسىدا چوڭ پەرق مەۋجۈت. ھەتتا بەزى دۆلەتلەردە ئاياللار ھوقۇقىنى قوغداش تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولمىدى. پۈتۈن دۇنيا بويىچە ھازىر تەخمىنەن 350 مىليون ئايال تۇغۇت ساغلاملىقى تەرەپتىن ھېچقانداق ياردەمگە ئېرىشەلمىدى. ھەمدە ھەر يىلى دۇنيادا 5 يۈز مىڭدىن كۆپ ئايال تۇغۇتتا ئۆلىۋاتىدۇ. ئەسلى بۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايدىغان بىر ئىش ئەمەس ئىدى".

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاياللارنىڭ ھوقۇقى ئېغىر دەپسەندە قىلىنماقتا

ئاياللار ھوقۇقى جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاياللارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالغىنىمىزدا، بۇ ئالدى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزىۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. رادىئومىزنىڭ ھەقسىز لىنىيىسى ئارقىلىق بولسۇن ياكى ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەنلەر بولسۇن ھەممىسى دىگۈدەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى جىددىي يۈرگۈزۈپ، ئاياللارنىڭ قوساقتىكى بالىلىرىنى مەجبۇرىي ئالدۇرىۋېتىشى ئاياللارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلغانلىق ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان چەتئەلدە ياشاۋاتقان خالىدە خانىم ۋە رۇقىيە خانىم ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى:

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەرشكىلاتى نوپۇس فوندى جەمئىيتى دوكلاتىدا يەنە، باي دۆلەتلەرنىڭ ئاياللار ساغلاملىقىغا ئاجرىتىدىغان نەچچە مىليارد دوللار پۇلنى قىسقارتىشىنىڭ، مەزكۈر پروگراممىنىڭ مەبلەغقە بولغان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ئاشۇرىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزدېنتى جورج W بۇش بۇ يىل ب د ت نوپۇس فوندى جەمئىيىتىگە بېرىدىغان 34 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم پۇلىنى توڭلىتىپ قويغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇنىڭ سەۋەبى، مەزكۈر ب د ت نوپۇس فوندى جەمئىيىتى خىتاينىڭ مەجبۇرىي بالا ئالدۇرۇش پروگراممىسىغا ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەن. (پەرىدە )

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.