كادىر ئالماشتۇرۇشتىن كىم مەنپەئەتلىنىۋاتىدۇ؟ (1)

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربىي رايونلارنى ئېچىش پىلانىنى يۈرگۈزىۋاتقانلىقىغا بەش يىل بولدى. غەربنى ئېچىش شامىلىغا ئەگىشىپ قانچىلىك خىتاي نوپۇسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ ئورۇنلاشقانلىقى بىزگە نامەلۇم. ئەمما غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىۋاتقان خىتاي ئاققۇنلارنىڭ سانى ھەسسىلەپ ئاشتى. كەڭ كۆلەمدە ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىۋاتقان مانا بۇ خىتايلار ئىچىدە ئۇيغۇر يېزىلىرىغا كادىرلىققا تەيىنلىنىۋاتقان ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە بىر قىسىم كىشىلەر بار. ئۇلارنىڭ نامى شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچى يېزا، ناھىيە كادىرلىرى، يەرلىك تىلدا ئۇلارنى تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار دەپ ئاتايدۇ.

تەربىيىلەپ ئۆستۈرۈش

ئۇيغۇر ئېلىگە خىزمەتكە كەلگەن خىتاي كادىرلار ئەۋزەل ئىمتىيازلارغا ئىگە. ئۇلار خىتاينىڭ شەندوڭ، خېبىي، سىچۇئەن دېگەندەك ئۆلكىلىرىنىڭ يېزا دەرىجىلىك كادىرلىرى بولۇپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتكومىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن جەنۇبىي ئۇيغۇر يېزىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇ جايلاردا يېزا، ناھىيە دەرىجىلىك پارتكوم سېكرىتارى، ناھىيە ھاكىمى دېگەندەك خىزمەتلەرگە تەيىنلىنىپ قىسقا بولغاندا بىر قانچە ئاي، ئۇزۇن بولغاندا بىر ئىككى يىل ئىشلەيدۇ. ۋەزىپىسى تاماملانغاندىن كېيىن كادىرلىق دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە قايتىدۇ ياكى ئائىلىسى بويىچە ئۇيغۇر ئېلىگە ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ.

ئەمدى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە تەربىيىلىنىشكە تاللانغان يېزا، ناھىيە دەرىجىلىك ئۇيغۇر كادىرلىرى بولسا، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى يېزىلارغا بۆلىنىپ تۇرمۇش ئۆرۈپ ئادەتلىرى پۈتۈنلەي ياد بولغان بىر شارائىتتا خىزمەت قىلىپ، ۋاقتى توشقاندا ئۇيغۇر ئېلىگە قايتىپ كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلىگەنلىرى مۇۋاپىق ئۆستۈرىلىدۇ.

شەندوڭلىقلارنىڭ تۆھپىسى

شىنخۇئا تور بېتىدە خىتاي ھۆكۈمىتى "تۆۋەنگە خىزمەتكە چۈشكەن خىتاي كادىرلىرى" نىڭ ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، يېزا ئىگىلىك، پەن- تېخنىكا ئىقتىساد قاتارلىق ھەر جەھەتتە تەرەققىياتلارغا ئېرىشىشى ئۈچۈن جاپاغا چىداپ خىزمەت قىلىپ زور تۆھپە قوشقانلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا.

بۇنىڭغا دائىر بېرىلگەن بىر خەۋەردە شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن 2002 - يىلى قەشقەر يېزىلىرىغا ياردەمگە كەلگەن تۆتىنچى تۈركۈم جەمى 56 خىتاي كادىرنىڭ تۆھپىسىگە ئالاھىدە باھالار بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلار قەشقەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئالاھىدە تۆھپە قوشۇپ، يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىن تا مائارىپ، مېدىتسىنا ساھەلىرىگىچە شەندۇڭنىڭ مۇناسىپ تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۆز -ئارا ياردەم تورى ھاسىل قىلىپ، قەشقەر خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن جان دىلى بىلەن خىزمەت قىلدى، قەشقەر خەلقى ئۇلارنىڭ تۆھپىسىنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇمايدۇ، دەپ مەدھىيىلەنگەن.

ئۇيغۇر دېھقانلار تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلاردىن نارازى بولماقتا

ئەپسۇس، رادىئومىزغا بۇ تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار ھەققىدە ئۇيغۇر دېھقانلاردىن كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇمكى، ئۇيغۇر دېھقانلىرى ھەر يىلى تۈركۈملەپ كېلىۋاتقان بۇ خىتاي كادىرلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن تولىمۇ نارازى.

بەزى ئۇيغۇر دېھقانلار، تۆۋەنگە چۈشكەن بۇ خىتاي كادىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر يېزىلىرىغا ئورۇنلىشىشى بىلەن تەڭ ياخشى تۇرمۇش شارائىتى ۋە يۇقىرى مائاشلار بىلەن تەمىنلەنگەندىن سىرت، شۇ يېزىدىكى بارلىق خىزمەتلەرگە يوليورۇق بېرەلەيدىغان ئالاھىدە ئىمتىيازلارغا ئىگە بولۇپ، كۆپ ساندىكىلىرى شۇ جايلاردىكى دېھقان ھەتتا يېزا كادىرلىرىغا ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتلەردىن بېسىم ئىشلىتىپ پايدىلىنىدىغان، پارىخورلۇق ھەرىكەتلىرىدە بولىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق خىزمەت ۋەزىپىسى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي مۇقىملىق خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش ئىكەن.

مۇشۇنداق تۆۋەنگە چۈشكەن ھەر قانداق خىتاي كادىر ۋەزىپىسىنى تاماملاپ قايتار چېغىدا باي بولۇپ، نۇرغۇن يەرلىك مەھسۇلات، سوغا سالاملار بىلەن يولغا چىقىدىكەن. شۇڭا، خەلق ئىچىدە تۆۋەنگە چۈشكەن كادىر، شىنجاڭنى ئاچقۇچى ئەمەس بۇلاپ قاچقۇچى" دىگەندەك قوشاقلارمۇ تارقالغان ئىكەن.

مانا بۇ ئۇيغۇر ئېلىگە ياردەمگە كەلگەن ئاتالمىش تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە خىزمەت قىلىش جەريانىدا زور بەدەل تۆلىگەن ئاۋانگارتلار سۈپىتىدە تەرىپلەنمەكتە. ئەمما ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئۇلاردىن زارلىماقتا.

قەشقەرنىڭ مەلۇم يېزىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر دېھقان ئۆز يېزىسىغا شەندۇڭدىن خىزمەتكە چۈشكەن خىتاي كادىرلارنىڭ قانداق خىزمەتتە بولىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ، بەزى گەپلەرنى بەك ئېچىپ دىيەلمەيدىگاھنلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاساسەن يوليوقۇرلا بېرىدىغانلىقى ۋە سىياسىي مۇقىملىقنى كۆپ تەكىتلەيدىغانلىقىنى ئېيىتتى.

خىتاي ئۆلكىلىرىگە خىزمەتكە چۈشۈرۈلگەن ئۇيغۇر كادىرلار نېمە دەيدۇ؟

ئەجەپلىنەرلىكى خىتاي كادىرلار بىلەن ئالمىشىپ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى يېزىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر يېزا كادىرلىرى بولسا بارغان جايلىرىدا ئەقەللىي نورمال تۇرمۇش، تاماقلىنىش شارائىتىگىمۇ ئىگە بولالماي، ئەگەر نارازىلىق بىلدۈرسە سىياسىي ئىدىيىسىدىن گۇمانلىنىدىكەن. ۋە ئۇيغۇر ئېلىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆستۈرۈلۈش ئۇ ياقتا تۇرسۇن تېخىمۇ قاتتىق بېسىملارغا ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئۆتكەن يىلى شەندۇڭنىڭ مەلۇم يېزىسىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر ئۇيغۇر يېزا كادىرى بىز بىلەن سۆھبەتلىشىش جەريانىدا شەندۇڭ يېزىسىدا خىزمەت تەربىيىلىنىش جەريانىدا تارتقان جاپالىرىنى سۆزلەپ،" بۇ شەندۇڭدىكى خىتايلار ھەتتا مۇسۇلماننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىكەن، مەن كېلىشتىن بۇرۇن مۇسۇلمانلىقىمنى، چوشقا گۆشى يىمەيدىغانلىقىمنى، شۇڭا تاماق ئورۇنلاشتۇرغاندا دىققەت قىلىشنى ئۆتۈنگەن ئىدىم. ئويلىمىغان يەردىن ئۇلار مۇسۇلمان دىگەن چوشقا گۆشىدىن باشقىنى يەيدۇ دەپ چۈشەنسە كېرەك، ئېشەك گۆشىدە تاماق قىلىپ ئالدىمغا ئېلىپ كەپتۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش بۇ يات يەردە بىرمۇ ئۇيغۇرنى كۆرگىلى بولمايدۇ، يا بۇلارنىڭ شىۋېسىنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ. ئۆرۈپ ئادەتلىرىمىز پۈتۈنلەي ئوخشىمىغان، كۈندە دىگۈدەك غۇرۇرۇم خورلىنىپ، ئالتە ئاينى ئاران توشقۇزدۇم، ئۆستۈرمىسىمۇ مەيلى، يۇرتۇمغا ساق سالامەت كېلىۋالغىنىمغا خوش" دىگەن ئىدى. (گۈلچېھرە)