0:00 / 0:00
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانى بويىچە ، خىتاي ئۆلكىلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ئارىسىدا كادىر ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىغا بەش يىل بولغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ، ھەر يىلى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن تۈركۈم - تۈركۈملەپ خىتاينىڭ يېزا دەرىجىلىك كادىرلىرى ئۇيغۇر يېزىلىرىغا كېلىپ ئورۇنلاشماقتا.
ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن خىتاي يېزا كادىرلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا-ئىگىلىك ئىشلىرىغا قانداق تۆھپىلەرنى قوشۇۋاتىدۇ؟ ئۇلار نېمە مەقسەتتە ئەۋەلىلگەن ۋە نېمىلەرنى قىلىۋاتىدۇ؟
بۇنىڭ تەپسىلاتىنى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ بۇ ھەقتىكى پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.