خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇققا بىر نەزەر
2004.12.10
1948 - يىلى 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى "خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى" نى ئېلان قىلدى ھەمدە ئىككى يىلدىن كېيىن بۇ كۈننى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى قىلىپ بېكىتتى. مەزكۇر خىتابنامە 30 تۈرلۈك ماددىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، ئادىللىق، تىنچلىق، ھۆرمەت ۋە غۇرۇر قاتارلىق ئىنسانلارنىڭ ئېرىشىشكە تېگىشلىك ئەڭ ئاساسلىق كىشىلىك ھوقۇقلىرى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلۈپ، بۇنىڭ ھېچقانداق ھۆكۈمەت، تەشكىلات ياكى شەخس تەرىپىدىن دەخلى تەرۈزگە ئۇچرىماسلىقى كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن.
خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقتا ئىلگىرىلەش ئەمەس، چېكىنىش بولدى

ئۇنداقتا بۇ خىتابنامە ئېلان قىلىنىپ 54 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە قانداق پوزىتسىيە تۇتتى ۋە ھازىرغىچە نېمىلەرنى قىلدى؟ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاڭ چىيۆ تېخى بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدىلا خەلقئاراغا، "خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ھەممە كىشى كۆرۈپ تۇرۇپتۇ" دېدى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى "ئامېرىكا-خىتاي دىئالوگ فوندى جەمئىيىتى" نىڭ رەئىسى جون كەم ئەپەندى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە ئىلگىرىلەشكە قارىغاندا، چېكىنىش ئېغىر بولغانلىقىنى بىلدۈردى:
جون كەم سۆزىدە "مېنىڭچە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىدا ئازراق ئىلگىرىلەش كۆرۈلسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن جەھەتلەردە يەنە چېكىنىش بولدى. مەسىلەن خىتاينىڭ دىنىي سىياسىتى چوقۇم خەلقئارالىق ئۆلچەمگە توشىشى كېرەك. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇنداق ئەمەس. ھەمدە ئىشچىلار ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەسىلىسىدىمۇ نۇرغۇن يېتەرسىزلىكلەر بار" دېدى.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ 18 - ماددىسىدا، "ھەممە ئادەم ئىدىيىۋى، ۋىجدانىي ۋە دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىغا ئىگە. بۇ ھوقۇق شۇ ئادەم ئۆزىنىڭ دىنىنى ياكى ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىش ئەركىنلىكىنى شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ دىنى ياكى ئېتىقادىنى دىنىي ئەقىدە، ئەمەلىيەت، ناماز ئىبادەت ۋە ئەمرىمەرۇپ ئارقىلىق يالغۇز ياكى ئۆم، ئاشكارە ياكى مەخپىي ئىپادىلەش ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ" دەپ كۆرسىتىلگەن.
خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىدا نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى مىكىي سپىگېل خانىم جون كەم ئەپەندىنىڭ قاراشلىرىغا قوشۇلۇپ قوشۇمچە قىلىپ مۇنداق دېدى.
"پۇقرالارنىڭ سىياسىي ھوقۇقى مەسىلىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىتاينىڭ قانۇن بەلگىلىمىسىدە ئازراق ئىلگىرىلەش بولدى. ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىدا يەنىلا نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت. مەسىلەن، ساقچىلارنىڭ پۇقرالارنى قالايمىقان تۇتقۇن قىلىشى، ھەتتا ئۇلارنى ئادۋۇكاتلىرى ياكى ئائىلە-تاۋاباتلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرمەسلىكى قاتارلىقلار. مانا مۇشۇنداق ئىشلار داۋاملىق ساقچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغۇچىلارنى قىيىن-قىستاققا ئېلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ".
سپىگېل خانىم سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنىڭ سۆز ئەركىنلىكىگە بولغان كونتروللىقىنىڭ تولىمۇ قاتتىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ھۆكۈمەتنىڭ خىتايدىكى سىياسىي قارىشى ئوخشىمىغان چوڭ-كىچىك تور بەتلىرىنى تاقاۋاتقانلىقىنى مىسال قىلدى.
خىتابنامىدا بەلگىلەنگەن بىراق......

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ 19 - ماددىسىدا، "ھەممە ئادەم ئۆز تەشەببۇسىنى بىلدۈرۈش ۋە پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق. بۇ ھوقۇق مۇداخىلىگە ئۇچرىماي ئۆز تەشەببۇسىنى ساقلاپ قېلىش ئەركىنلىكىنى ھەم ئۇچۇر ۋە پىكىرلەرنى ھەر قانداق ۋاسىتە ئارقىلىق ۋە دۆلەت ئايرىمىسىغا قارىماي ئىزدەش، قوبۇل قىلىش ۋە تارقىتىش ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ" دەپ كۆرسىتىلگەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىر
خىتاينىڭ ئومۇميۈزلۈك كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى قانداق بولىۋاتىدۇ؟ بىز بۇ ھەقتە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلانغان ئۇيغۇر كارخانىچى رابىيە قادىرنىڭ يولدىشى سىدىق روزى ھاجى ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ناچار بولغان مەزگىلدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەھۋالنىڭ تېخىمۇ ناچار ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۆزىنىڭ خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ياخشىلاندى دېگەنگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۈگۈنكىدەك خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىكە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇلۇپ قالماي، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى دۇنياغا داۋاملىق تونۇتۇشقا تىرىشىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
سىدىق روزى ھاجى ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتە ئېيتقانلىرىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلاڭ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكىدا چىقىدىغان "مارى كلېر" ژورنىلى رابىيە قادىرغا مۇكاپات بەردى
- رابىيە قادىرغا رافتو مۇكاپاتى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
- نورۋىگىيىدە " خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىلىرى" تېمىسىدا يىغىن ئېچىلدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتىتى يىللىق دوكلات ئېلان قىلدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ھەققىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
- شېرىپجان نادىروف ئەپەندى بىلەن سۆھبەت
دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى
سىدىق روزى ھاجى ئەپەندى تەرمىلىرى
- ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە ئوخشىمىغان باھا ۋە كۆز قاراشلار (1)
- نازارەت ئاستىدىكى ئۇيغۇر ئېلى ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسى (1)
- ئۇيغۇر قىزلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدە دەپسەندە قىلىنماقتا
- رابىيە قادىرنىڭ رافتو مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن سىدىق ھاجى روزى بىلەن سۆھبەت
- گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋەقەسىنىڭ خىتاي - پاكىستان مۇناسىۋىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە سۆھبەت
- سىدىق ھاجى روزىنىڭ ئۇيغۇر تىلى مەسىلىسى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى
- خۇ جىڭتاۋ ھەربىي ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈۋالدى، جاڭ زېمىن دەۋرى ئاخىرلاشتى