0:00 / 0:00
دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى، ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان خىتاينىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن تەستىقلانغان، ئۆزلىرىمۇ قول قويغان "دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتاپنامىسى" نى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالدى.
قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي سىياسىتى، ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىش ھەققىدىكى ھەرىكەتلىرى، دېموكراتىيىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە مۇخبىرىمىزنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.