ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسىدە موڭغۇللار ئاپتونومىيە ھوقۇقى يۈرگۈزىدىغان ئىككى موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بار، ئۇنىڭ بىرى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى.
"شىنخۇا ئاگېنتلىقى" بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنى تونۇشتۇرغاندا "موڭغۇللار ئاپتونومىيە يۈرگۈزۈۋاتقان بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى 50 نەچچە يىلدىن بۇيان ھەر قايسى مىللەتلەر تىنچ، ئەركىن ۋە ئىناق ياشاۋاتقان، مىللىي، دىنىي توقۇنۇش يۈز بەرمىگەن، مۇھىتى ئادەملەرنىڭ ياشاش، تەرەققى قىلىشىغا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان تىنچ ۋە گۈزەل رايون" دەپ بايان قىلغان.
ئەمما رادىئومىزغا تېلېفون قىلغان، موڭغۇل مىللىتىدىن بولغان بالچە ئەپەندىنىڭ ئېيتقانلىرى بۇنى ئىسپاتلىمايدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئاپتونوم ئوبلاستدا موڭغۇللارنىڭ مەدەنىيىتى يوقىتىلىشقا يۈزلەنگەن. بالچە ئەپەندىنىڭ بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا كۆرگەن -بىلگەنلىرىنى ۋە ھېسسىياتىنى بەزىدە خىتايچە، بەزىدە ئۇيغۇرچە ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەپ بېرىشىچە، موڭغۇللارنىڭ بۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ئاللىقاچان خىتايلار دۇنياسىغا ئايلىنىپ بولغان.
يايلاقلاردىكى ئۆزگۈرۈشلەر
بالچە ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، مەيدان، يېزا، مەھەللىلەرنىڭ ھەممىسىدە خىتايلار باشلىق بولۇۋالغان. خىتايلار ئۆزى كېلىپ ئورۇنلىشىۋالغان جايلاردا ئەمدى يەرلىك موڭغۇللارنى سىقىپ چىقىرىشقا باشلىغان. ئۇلار ناھىيىدىكى خىتاي كادىرلىرىنى رايونلارغا، يېزىلارغا ماڭغۇزۇپ، ئۇ جايلاردىكى موڭغۇل كادىرلارنى خىزمەتتىن بوشىتىپ ئۇنىڭ ئورنىغا خىتايلارنى قويغان. موڭغۇل كادىرلىرىنىڭ بىر يىللىق خىزمەت ئىستاژىنى 5 قوي ھېسابلاپ سېتىۋېلىپ، ئۇلارنى خىزمەتتىن بوشىتىۋەرگەن. يايلاقلاردا موڭغۇل قويچىلارنىڭ ئورنىغا خىتايلار قويچى بولۇۋالغان. موڭغۇل يايلاقلىرى خىتايلارنىڭ يايلاقلىرىغا، موڭغۇللارنىڭ قوي پادىلىرى خىتايلارنىڭ قوي پادىلىرىغا ئايلانغان.
مەسىلەن: بايىنبۇلاق دېگەن يايلاق ئۆزىنىڭ ئوتلاقلىرى بىلەن مەشھۇر ئىدى. ئوتلاقلاردا قويلار يايلىغاندا كۆزگە كۆرۈنمەيتتى. ھازىر بۇ جايدىكى يايلاقلارنىڭ نەرىگە قارىسا ھاراق، پىۋە بوتولكىلىرى پاقىراپ تۇرىدۇ. ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش، دېگەن مۇشۇ بولسا كېرەك. خىتايلار ئىچكىرىدىن پۇل ئەكىلىپ، بۇ يايلاقلاردىكى قويلارنى سېتىۋېلىپ، يايلاقلارنى ئىگىلىۋالغان. بۇرۇن 500 قوي ئوتلايدىغان يايلاقتا ھازىر 1500 قوي ئوتلايدۇ. يايلاقلاردا ئوتلار قايتا - قايتا يىگۈزۈلۈپ، دەسسىتىلىپ، ئوتنىڭ يىلتىزلىرى كۆرۈنۈپ قالغان. بايىنبۇلاقتىكى يايلاقلار بۇلغىنىپ، بۇزۇلۇپ بىر يەرگە بېرىپتۇ. بايىنبۇلاق ھازىر بۇرۇنقى گۈزەل يايلاق ئەمەس.
خىتاي كۆچمەنلىرى سىقىپ كىرمەكتە
بالچە ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، موڭغۇللار بۇ جايدا بىر نەچچە يۈز يىلدىن بىرى كۆچمە چارۋىچىلىق قىلىپ ياشاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يايلاقلار ھېچبىر بۇزۇلمىغان ئىدى. موڭغۇل چارۋىچىلار يايلاقنى ئاسراش ئۈچۈن يىلدا 4 - 5 قېتىم كۆچەتتى. ئەمما خىتايلار بىر جايغا كېلىۋالسا، ئۇجاينى قۇرۇتۇپ تۈگەتمىسە كۆچمەيدۇ. ھازىر موڭغۇللار كۆچىدىغان ئارتۇق جايمۇ يوق. ھەممە جاينى خىتايلار بۆلۈشۈپ، ئايرىشىۋالغان. خىتايلار كېلىۋالغان جاينى قۇملۇققا ئايلاندۇرۇپ بولغاندا ئاندىن كۆچۈپ كېتىدۇ. ئۇلار يەنە باشقا جايغا كىرىۋالىدۇ. موڭغۇللار نەگە بارىدۇ؟ ئۇلار مۇشۇ جايدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، ئەمدى نەگە بارىدۇ؟ ئۇلار بارىدىغان جاي قالمىغان. موڭغۇللار بىر خەتەرلىك يار ئالدىغا كېلىپ قالغان. خىتايلار يەنە ئۇلار تۇرغان جايغا سىقىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمدى موڭغۇللار ئۆزىنى قوغدىمىسا بولمايدىغان يەرگە كېلىپ قالغان.
خىتايلارنىڭ باشلىقلىرى "يايلاقلارنى تورلاپ باشقۇرۇش كېرەك" دەپ سىياسەت بەلگىلەپ قويسا، كەينىدىن خىتايلار ئىچكىرىدىن تورلارنى ئەكىلىپ تاشلاپ قويۇپ، ئۇنىڭ پۇلىنى موڭغۇللاردىن مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىدىكەن. مۇشۇندا ئۇسۇل بىلەن ئىچكىرىدىكى خىتايلار ياسىغان تورلارنى پۇل قىلىپ بېرىدىكەن. ھازىر خىتايلار بايىنبۇلاقتىكى موڭغۇل يايلاقلىرىنى پارچىلاپ بۆلۈشۈپ ئىگىلەپ بوپتۇ. بۇ يايلاقتا ھازىر ئات چاپتۇرۇپ يۈرىدىغان موڭغۇللار كۆرۈنمەيدۇ. موڭغۇللار ھازىر ئۆزىنىڭ ئاتلىرىنىمۇ ساقلاپ قالالمايۋاتىدۇ. بۇ يايلاقتا ھازىر موڭغۇل ئوبرازى يوق، موڭغۇل مەدەنىيىتى يوق، موڭغۇل تىلىمۇ يوق. (داۋامى بار)