0:00 / 0:00
ئۆتكەن ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا 75 دۆلەتتىن كەلگەن 500 دىن ئارتۇق ۋەكىل ۋارشاۋادا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلىش مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. قازاقىستان ۋەكىللەر ئۆمىكى تەركىبىدە يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر سىياسەتچىسى، پروفېسسور شېرىپجان نادىروف ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى مىللىي بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن سۆزگە چىقىپ، ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا، جۈملىدىن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئىجتىمائىي مەسىلىلىرى ھەمدە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللا، شېرىپجان نادىروف ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.