خىتاي ھۆكۈمىتى ئىستانبۇلدىكى ئابدۇغېنى ئەپەندىنى جاسۇسلۇق قىلىشقا زورلىغان

0:00 / 0:00

خىتاي خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ئامېرىكا، كانادا ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا پاسپورت ئىشلەپ بەرمەي، بۇنى بىر كوزىر قىلىپ قوللىنىشقا تىرىشماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ كىشىلەرگە تەھدىت ئىشلىتىپ جاسۇسلىق قىلىشقا زورلىماقتا.

خىتايلار تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ پاسپورت، تۇغقان يوقلاش دېگەنگە ئوخشاش ئىشلىرىنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئۆزلىرىنى ئاخبارات بىلەن تەمىنلەش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتايلاردىن بۇ خىل تەكلىپنى ئالغان كىشىلەردىن بىرى ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئابدۇلغەنى ئەپەندىدۇر. خىتايلار ئابدۇلغەنى ئەپەندىگە قانداق تەكلىپ قويدى؟ خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئاخبارات توپلاش ئىشلىرى خەلقئارا ئۆلچەمگە توشامدۇ؟ تۈركىيىدە قانداق بولىۋاتىدۇ؟ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى ئەنقەرەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.