"ئانا تىل بالىلارنىڭ تەپەككۈر قىلىشىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ"


2006.07.11

كۆپلىگەن پىسخولوگ ۋە تىل تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەكتەپ يېشىغا توشقان ھەرقانداق بالا ئەگەر باشلانغۇچ مائارىپنى ئانا- تىلىدا ئوقۇيالىسا، ئۇنىڭ كەلگۈسىدە باشقا تىللارنى ئۈگىنەلىشىگە ناھايىتى ئاسانلىق يارىتىلىدىكەن. يەنى ئانا تىلنى ياخشى ئىگىلەش ئاساسىدا باشقا تىللارنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلىيەلەيدىكەن.

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ياۋروپادا تىل تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر تەتقىقاتچى كامىل ئەپەندى يېقىندا مۇخبىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، ئانا تىلنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بالىلار ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئاتا ئانىلارنىڭ ھەر قانداق شارائىت ئاستىدا ئۆز پەرزەنتلىرىنى باشلانغۇچ مائارىپتىن تارتىپ ئانا تىل مەكتىپىگە بېرىشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىللىق مائارىپنى كۈچەيتكەنلىكتىن، كۆپلىگەن ئاتا ‏-ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىنى باشلانغۇچ مائارىپتىن باشلاپ، خىتاي تىل مەكتىپىدە ئوقۇتۇشقا مەجبۇر بولماقتا. لېكىن تەتقىقاتچى كامىل ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قوش تىللىق مائارىپنىڭ كۈچەيتىلىشى بىلەن، بالىلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا تەپەككۈر قىلىشىنى يوق قىلىشقا ھەرگىزمۇ يول قويماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇ ھەقتىكى تولۇق مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ كامىل ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.