ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىكتىكى ھەققىقى سەۋەب نېمە؟


2006.07.14

CHINA_XINJIANG_EDUCATION_46.jpg
2003 – يىلى 13- سېنتەبىر كۈنى كورلىدىكى مەلۇم مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار خىتايچە دەرس ئالماقتا. AFP

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا - قىشلاقلارنى ئاساس قىلغان ئوتتۇرا ھەم باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە جەمئىيەتتىن ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىشقا تىزىملىتىش 7 - ئىيۇل كۈنى ئاخىرلاشقان بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلىققا تىزىملاتقانلار 18مىڭدىن ئاشقان. بۇ قېتىم قوبۇل قىلىنىدىغان سان جەمى 1595 بولۇپ، دېمەك ھەر 10 كىشى بىر ئوقۇتقۇچىلىق ئورنىنى تالىشىدىكەن.

مائارىپ نازارىتىنىڭ ھۆججىتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدىن باشقا يەنە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن جەمى 801 كىشى تىزىملاتقان.

بۇ قېتىملىق يېزا‏- قىشلاقلاردىكى ئوتتۇرا ‏- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىقىغا تىزىملاتقانلار ئىچىدە يەنە 224 نەپەر دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغانلار ھەمدە 20 نەپەر ئاسپىرانتلار بار ئىكەن. گەرچە بۇ تىزىملاتقانلارنىڭ ئىچىدە 31 خىل مىللەت بارلىقى دېيىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك نىسبەتنى ئىگىلەيدىغانلىقى ئېلان قىلىنمىدى.

يەنىمۇ جىق ئوقۇتقۇچى قوش تىل مائارىپىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قوبۇل قىلىنماقچى

خىتاي ھۆكۈمىتى پىلانىدا كېيىنكى بەش يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا مەكتەپلىرىگە يەنە 7500 ئوقۇتقۇچىنى جەمئىيەتتىن مۇشۇنداق ئۇسۇل ئارقىلىق پىلانلىق قوبۇل قىلماقچى ئىكەن.

- بۇ سانلار ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىنىڭ يەنى بىر قەدەر ئارقىدا سانىلىۋاتقان ئۇيغۇر يېزا‏- كەنت مائارىپىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقىنىنى كۆرسىتەمدۇ؟ - ياق. - مەكتەپلەرنىڭ سانى كۆپەيگەچكە ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ كۆپەيتمەكچىمۇ؟ - ياق. - ئۇنداقتا يېزا مەكتەپلىرىدە ئوقۇغۇچىلار بىردىنلا كۆپىيىپ كەتتىمۇ؟ - ياق. - يېڭىدىن بۇنچە كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلار قوبۇل قىلىنسا، ئىلگىرى مائارىپ سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار قېنى ؟ - چۈنكى يېزىلاردىمۇ ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى خىتاي مەكتەپلىرى بىلەن بىرلەشتۈرگەندىن كېيىن خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتەلمىگەنلەر شاللىۋېتىلدى.

مانا بۇ مەلۇم يېزىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتىن خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتەلمەيدۇ دېگەن سەۋەب بىلەن مۇنبەردىن قوغلانغان شۇنداق سانسىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىرىنىڭ جاۋابى.

ئۇيغۇر يېزا مائارىپىدا نېمە ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ ؟ دېگەن تېمىغا خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان مۇلاھىزە خاراكتېرلىك ماقالىلىرىدە "ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىنىڭ بولۇپمۇ يېزا مائارىپىنىڭ ئاساسىي بوش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن، خىتاي تىلى سەۋىيىسى ئاجىز، كەسپى سەۋىيىسى چەكلىك، ھازىرقى مائارىپ تەرەققىياتى ھەم سەۋىيىسى بىلەن ماسلىشالمىدى" دېگەندەك جۈملىلەرنى كۆرىمىز. ئەمما ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇ سەۋەبلەرگە نىسبى قارايدۇ. ئۇلار ئۇيغۇر مائارىپىدا ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "قوش تىللىق مائارىپ" نامىدا مىللىي مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىپادىلىمەكتە.

بىز ئۇيغۇر ئېلىدە نېمە ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى يېتىشمەي قالدى؟ دېگەن سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىدا يۈرگۈزۈۋاتقان جىددىي سىياسەتلىرىنى تەكىتلەپ ئۆتۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.

خىتايچىلاشتۇرۇش مائارىپ سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسى

ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ نازارىتىنىڭ 2006يىلى 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تارقاتقان" ئاپتونوم رايوننىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر قوش تىل مائارىپىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى پىكرى" ناملىق ئىچكى ھۆججىتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا- قىشلاقلىرىدا "قوش تىللىق مائارىپنى" كۈچەيتىش ئۈچۈن 2006 - يىلىدىن باشلاپ 2010 - يىلىغىچە جەمئىي 430 مىليون يۈئەن مەبلەغ ئاجراتقان.

2000 - يىلىدىن باشلاپ خىتاي پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا قوش تىللىق مائارىپ ئىسلاھاتى نامىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن. يەنى ئۇلار قوش تىللىق مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش نامىدىكى مەخسۇس قارار مەزمۇنى بويىچە خىتاي تىلى مائارىپىنى مىللىي باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىن باشلىدى، يەنى بارلىق ئاساسلىق دەرس ۋە تەبىئىي پەن دەرسلىرىنى خىتايچە ئوقۇتۇش، ئۇنىڭغا قوشۇمچە ئانا تىل دەرسى نامىدا ئۇيغۇر ياكى باشقا ئاز سانلىق مىللەت تىل ئەدەبىيات دەرسىنى كىرگۈزۈشتەك، ھازىرقى مىللىي مائارىپ ئەندىزىسىگە چوڭ ئۈزگىرىش كىرگۈزدى.

يەنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە بارلىق ئاساسلىق دەرسلەر خىتايچىلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق ئۇيغۇر باشلانغۇچ ‏- ئوتتۇرا مەكتەپلەر -2005 يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە خىتاي مەكتەپلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈۋىتىش قارارىنى ئالدى.

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قويغان سېكرېتارى ۋاڭ لېچۇئەن قوش تىللىق مائارىپنى كۈچەيتىش ھەققىدە سۆزلەپ" بۇندىن كېيىن قوش تىل بىلمىگەنلەر ئوقۇتقۇچى بولمايدۇ " دەپ قاتتىق پوزىتسىيە بىلەن تەكىتلىدى.

بۇنىڭ بىلەن تەڭ بارلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرىغا قوش تىللىق بولۇش تەلىپى قويۇلۇپ "ئوقۇتقۇچىلىق لاياقەت كىنىشكىسى" بولمىغانلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش سالاھىيىتى بولمايدۇ دەپ بۇ كىنىشكىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى سەۋىيە ئىمتىھانىدىن باشقا، خىتاي تىلى سەۋىيە ئىمتىھانىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىرىدىن ئۆتىشى شەرت قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مىللىي مائارىپ سېپىدە خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان سانسىز تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچىلار مائارىپ سېپىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى. ئەپسۇس بۇ ئۆزگىرىشلەر قانداقتۇر ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىغا تەرەققىياتلار ئېلىپ كەلمەستىن پەقەت ئۇنى يەنىمۇ خىتايچىلىشىشقا قاراپ داۋالغۇدى.

ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى سېپىدىكى ئوقۇتقۇچىلار شاللىنىش بىلەن تەڭ سىياسىي بېسىمغا دۇچ كەلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى مىللىي مائارىپتا زور ئۆزگىرىش ياساش بىلەن تەڭ دىققىتى نوقۇل مائارىپقىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر مائارىپ ساھەسىنىڭ مۇقىملىقىغا قاراتتى. چۈنكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى شىددەت بىلەن خىتايچىلاشتۇرۇش ئۇيغۇرلاردا بولۇپمۇ ئۇيغۇر مائارىپچىلاردا نارازىلىقلارنى پەيدا قىلغان ئىدى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىنىڭ مۇقىملىقىدىن ئەندىشە تۇيدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىللىق مائارىپى نامىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ توسالغۇسىز ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، 2004 _ يىلى ئۆكتەبىردە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر قايسى دەرىجىلىك مائارىپ ئىدارە باشلىقلىرى ۋە پارتكوم سېكرىتارلىرىنى يىغىپ مەخسۇس كۇرس ئاچتى. كۇرستانتلارغا مائارىپ ساھەسىدە سىياسىي مۇقىملىقنى ساقلاشتا ھوشيارلىقنى كۈچەيتىشنى، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنى ئەڭ ئاساسلىق خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇشنى تەكىتلىدى.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ ساھەسىدىكى ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار سانى 4 مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى نوپۇسىنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ زور زىيالىيلار سېپىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشنىڭ ئاساسى دەپ تونىدى.

2004 - يىل سېنتەبىردە يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىشى بىلەن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي پارتكوم مۇئاۋىن سېكرېتارى نۇر بەكرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىدىيىۋى تەربىيىسىنى كۈچەيتىش ھەققىدە ئارقا ‏- ئارقىدىن سۆز قىلدى.

ئۇزۇن ئۆتمەيلا بارلىق باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكلىرىگە خىتاي تۈزگەن ئاتالمىش شىنجاڭ تارىخى دەرسىنى كىرگۈزۈپ، مەخسۇس دەرسلىك ئارقىلىق ئۇيغۇر بالىلىرىنى كىچىكىدىن تارتىپ خىتاينى ئانا ۋەتىنىم دېيىشكە، ئۇيغۇر دىيارىنى خىتاينىڭ ئەزەلدىن ئايرىلماس بىر قىسمى بولغان شىنجاڭ دەپ تونۇشقا ئۆگەتتى.

قوش تىللىق مائارىپ يەسلى مائارىپىغىچە كېڭەيتىلدى

نۆۋەتتە قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 56 ناھىيە، 543 يېزا‏ - كەنتلەردىكى 1009 مەكتەپتە ئىجرا قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ھازىرغىچە 6456نەپەر ئوقۇتقۇچى قوش تىل مائارىپىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قوبۇل قىلىنغان. ئەمما قانچىلىك ساندىكى مىللىي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىشتىن بوشۇتۇلغانلىقى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلار قەتئىي مەخپى تۇتۇلماقتا. نۆۋەتتە ئەمدى خىتاي ھۆكۈمىتى مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى باغچا بالىلىرىدىن باشلىماقتا. نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 56 ناھىيىسىدىكى باغچىلاردا بالىلار سانى 250 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، قوش تىل ئوقۇتۇشى ئۈچۈن 6456 نەپەر ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە خىتاي تىلىدا دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچى يېتىشمەيدۇ دەپ خىتاي ئۆلكىلىرىدىنمۇ ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلماقتا. مانا بۇلاردىن نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا مائارىپىدا ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىۋاتقانلىقىغا جاۋاب تاپالىساق كېرەك.

نۆۋەتتە مائارىپ نازارىتىنىڭ، يېزا- كەنت مەكتەپلىرىگە ئۇيغۇر ئېلىدىنلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن خىتاي بويىچە جەمئىيەتتىن ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى ئاستا -ئاستا خىتايچە ئوقۇتۇشقا يۈزلەندۈرۈشىگە نارازى بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرماقتا. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.