ئامېرىكا ۋە ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قوش تىللىق مائارىپقا بولغان كۆز قارىشى


2005.02.03

يېقىنقى يىللاردىن بېرى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىللىق مائارىپى يولغا قويۇۋاتقان بولۇپ، رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار، بۇ خىل مائارىپنىڭ ياخشى ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ بارا-بارا يوقىلىشىغا يول ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئۇنداقتا، خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان قوش تىللىق مائارىپنىڭ مەقسىتى نېمە؟ ئۇ نېمە نەتىجىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟ بۇ جەھەتلەردە كۆزقارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن بىز ئامېرىكىدىكى داڭلىق خارۋورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا تىلشۇناسلىق ساھەسىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان، ھازىر يېل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان قاھار بارات ئەپەندىنى ۋە ئامېرىكا ئوكلاند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ فاكۇلتېتى پروفېسسورى، ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپ ئىزدەنگەن ۋە نۇرغۇن ماقالىلارنى ئېلان قىلغان تارىخشۇناس لىندا بېنسون (Linda Benson) خانىمنى زىيارەت قىلدۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.