0:00 / 0:00
خىتاي ھۆكۈمىتى "قوش تىللىق مائارىپ" نامىدا ئۇيغۇر مائارىپىنى قەدەممۇ -قەدەم خىتايچىلاشتۇرماقتا. خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈئەننىڭ ئاز سانلىق مىللەت تىلى نۆۋەتتىكى پەن تېخنىكا تەرەققىياتنىڭ سۈرئىتىگە يېتىشەلمەيۋاتىدۇ دېگەن سەپسەتىسى بىلەن، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئاساسلىق دەرسلەر خىتاي تىلىدا ئۆتۈلىدىغان بولدى. باشلانغۇچ -ئوتتۇرا مەكتەپلەردىمۇ خىتايچە مائارىپ ماس قەدەمدە كۈچەيتىلمەكتە.
ئۇيغۇر مىللىي مائارىپنىڭ تۈۋرۈكى بولغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرى قوش تىللىق مائارىپ نامىدىكى مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتى جەريانىدا قانداق بېسىملارغا دۇچ كەلدى ؟ ئۇلار نېمىلەرنى ئويلايدۇ؟ بۇنى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ ئىلگىرى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولغان مېھراي خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.