ئېلىم - سېتىمدىكى ئەخلاقىي قائىدىلەر
2008.01.18
گۈزەل ئەخلاق ھەر قانداق ئادەم ئۇنىڭغا ئىنتىلىدىغان، ھەر كىم ئۇنى قەدىرلەيدىغان ۋە ئىنسانلارغا تولىمۇ يارىشىدىغان بىر ئېسىل خىسلەتتۇر. ئىنسانىي گۈزەل ئەخلاقنىڭ دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا يۈز بېرىپ پۈتۈن ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سودىدا ئادالەتلىك ۋە راستچىل بولۇشمۇ ئىنسانىي گۈزەل ئەخلاقلارنىڭ قاتارىدىن سانىلىدۇ.
مۇھەممەد نىياز ھاجىم بىلەن سۆھبەت
مۇھەممەد نىياز ھاجىم سودا - سېتىق ئىشلىرىدىكى ئەخلاقىي قائىدىلەر ھەققىدە مۇنداق دىدى: « ھەرخىل سودا - سېتىقنى قائىدىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان دائىرە ئىچىدە ئېلىپ بېرىش راستچىللىق بىلەن سودا قىلىشنىڭ ئۇسۇلىدۇر. ئىنسانلار سودا - سېتىق ئىشلىرىدا دۆلەت قانۇنىغا بويسۇنۇپلار قالماي، يەن ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىدىغان دىننىڭ سودا - سېتىق ئەخلاقىغىمۇ ئەمەل قىلىشى كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قايسى مېھنەت ئەڭ ئەۋزەل. دەپ سورالغاندا، ئۇ « كىشىنىڭ ئۆز قولى بىلەن قىلغان ئەمگىكى ۋە توغرا رەۋىشتە قىلىنغان سودا»دەپ جاۋاب بەرگەن.
جەمئىيەت ئېھتىياجلىق بولغان ھەم ئەخلاق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان سودا - سېتىقنىڭ ھەممىسى ھالالدۇر. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئىجتىمائىي ھاياتقا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغان، جەمئىيەتنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان سودا سېتىقنىڭ ھەممىسى ھارامدۇر. ئىنسانلارنىڭ، ئىجتىمائىي گۇرۇھلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان - زەخمەت يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق تىرىكچىلىك ئۇسۇلى ئېيىبلىنىشقا تېگىشلىك.
قائىدىگە ئۇيغۇن سودا - سېتىق ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئىختىيارلىقى بويىچە، بىر - بىرىگە مەنپەئەت ۋە پايدا يەتكۈزۈش ئاساسىدا بولىدۇ. سودا - سېتىق ھەر ئىككى تەرەپنىڭ رازىلىقىنى شەرت قىلىدۇ. ئەگەر بىر تەرەپنىڭ تەلىپى بولۇپ، قارشى تەرەپنىڭ قوبۇل قىلغانلىقى ھاسىل بولمىسا، زورلۇق بىلەن سودىلىشىش كېلىپ چىقىدۇ - دە، بۇ ئىنسانىي ئەخلاق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن بولىدۇ.»
سودا قائىدە - يوسۇنىغا ئەمەل قىلىش راستچىللىقنىڭ ئىپادىسى
مۇھەممەد نىياز ھاجىم سودا قائىدە يوسۇنىغا ئەمەل قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى ھەققىدە مۇنداق دىدى:«پەيغەميبەر ئەلەيھىسسالام «مۇسۇلمانلار ئۆزلىرى كېلىشكەن شەرتلىرىگە باغلىقتۇر»دەپ كۆرسەتكەن. «شەرت» ھەر خىل ئۆلچەمدىن ئىبارەت. بۇ ھەدىس شۇنى ئىپادىلەيدۇكى، جەمئىيەتتە ياشاۋاتقانلار ھەر خىل ئۆلچەم ۋە بەلگىلىمىلەرنىڭ چەكلىمىسىدە بولىدۇ. شۇڭا ھەر خىل قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ھەر كىم سودا - سېتىق ئىشلىرىنى ئەخلاقىي قائىدىلەر بويىچە ئېلىپ بارسا، ئۆزىنى ئىنتايىن ئازادە ھېس قىلىدۇ - دە، قانۇننىڭ بارلىقىنىمۇ سەزمەي قالىدۇ. ئەگەر ئۇ قانۇنسىز ۋە ئەخلاققا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان رەۋىشتە سودا - سېتىق بىلەن شۇغۇللانسا، قانۇننىڭ ھەممىلا جايدا مەۋجۇدلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ تەرەپ - تەرەپتىن چەكلىمىلەرگە ئۇچراپ تۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ.
سودىدا يالغان سۆزلىمەسلىك ئەخلاقىي مەجبۇرىيەت
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى سودىگەرلەرگە نەسىھەت قىلىپ،« ئەي سودىگەرلەر جامائەسى! سودا ئۈستىدە يالغان ئېيتىشتىن ھەزەر قىلىڭلار»دەپ كۆرسەتكەن. سودا - سېتىق قىلغاندا كىشىلەرنى ئالداش ياكى كۆز بويامچىلىق يولى بىلەن ياخشىچاق بولىۋېلىشنىڭ ھەممىسى ئادىل بولمىغان ئېلىم - سېتىم قىلمىشلىرىدىندۇر. بۇ ئىنسانىي خىسلەتگە ئىگە بولغان كىشىلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس. سودا -سېتىقتا ئادالەتلىك بولۇش ئىنسانىي گۈزەل ئەخلاقنىڭ جۈملىسىدىن سانىلىدۇ. مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بولسا پەرزدۇر.
سودىدىكى يالغان گەپ قىلىش ۋە ئالدامچىلىق قاتارلىق قىلمىشلار ئاقىۋەتتە كىشىگە پايدا بەرمەيدۇ. نۇرغۇنلىغان پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلايدۇ، جەمئىيەتتىكى يالغان مال سېتىش، باشقىلارنى ئالداش قاتارلىق قىلمىشلار بىر مەھەل پايدا بەرگەندەك قىلغان بىلەن، ئۇزۇنغا قالماي ئىگىسىگە ھالاكەت ۋە ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ. چۈنكى يالغانچىلىق بىلەن ئالدامچىلىق ئىنسان تەبىئىتىگە يات كېلىدىغان ۋاقىتلىق نەپسىي ھەۋەسلەردۇر. ئەمما راستچىللىق بىلەن سودا قىلىش گەرچە كۆرۈنۈشتە جاپالىق، پايدىسى ئاز بولسىمۇ، لېكىن ئۇ پۇختا، دائىملىق ۋە خاتىرجەملىك ئىشتۇر. مۇنداقلار كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغۇچىلاردۇر».
سودا - سېتىق قىلغاندا ئۆلچەمدە كەم بەرمەسلىك لازىم
مۇھەممەد نىياز ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، سودا - سېتىق قىلغاندا تارازىدا كەم تارتىپ بېرىش ئارقىلىق كىشىلەرنى ئالداش نە مۇسۇلمانچىلىق، نە ئىنسانى ئەخلاق قائىدىسىگە ئويغۇن كەلمەيدۇ. تارازىدا ئادالەتلىك بولۇش مۇسۇلمانلار ئۈچۈن پەرزدۇر. قۇرئان كەرىم ئىنسانلارغا تەلىم بېرىپ:« سىلەر باشقىلارغا (ئاشلىق قاتارلىقلارنى)ئۆلچەپ بەرگەندە، تولۇق ئۆلچەڭلار ۋە توغرا تارازىدا تارتىپ بېرىڭلار، بۇنداق قىلىش سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر» دېگەن. تارازىدا كەم بېرىش ئىنسانلارنى ئوپئوچۇق ئالدىغانلىق ۋە ئۇلارنىڭ مېلىنى ھەقسىز ھالدا يەۋالغانلىقتۇر. دۇنيادىكى پۈتۈن دىنلار ۋە بارچە قانۇنلار بۇ قىلىقنى ئېيپلايدۇ.(ئۆمەرجان)
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئۆمەرجاننىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خوتەندە ئۆتكەن ئابدۇلخەمىت داموللام ھەققىدە
- ئوقۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە ئىلىمنىڭ ئەھمىيىتى
- ئۇيغۇرلارنىڭ قوشنىدارچىلىق ئادەتلىرى
- ئۇيغۇرلاردا ئاتا – ئانىنىڭ مۇقەددەسلىكى
- بويىغا يەتمەي ئانا بولۇشنىڭ تەسىرلىرى
- ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ناچار ئىللەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى تۈپ سەۋەب نەدە؟(2)
- خىتايدا ئەخلاق ئۆلچىمىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چەكلىمىسىمۇ بۇزۇپ تاشلانغان
- ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ناچار ئىللەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى تۈپ سەۋەب نەدە؟(1)