ئىپارخانشۇناس مۇزئەكبەر كايا خانىمنىڭ ئارزۇلىرى

0:00 / 0:00

ئىپارخان ئۇيغۇرلاردا پاكلىق، ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئىپپەت –نومۇس، باتۇرلۇق ۋە ساداقەتمەنلىكنىڭ سىمۋولى، دەپ قارىلىدۇ. تۈركىيىلىك دراماتۇرگ، ئىپارخانشۇناس مۇزئەكبەر كايا خانىم 1980 - يىللاردا "ئىپارخان" درامىسىنى يېزىپ، ئىستانبۇلدىكى مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىدا سەھنىگە ئېلىپ چىققان ئىدى.

يېشى 70 تىن ئاشقان يازغۇچى، ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئىپارخاننى تۈركىيىگە تونۇتۇش ئارزۇسىدا بولۇپ كەلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز نۇزۇگۇم كايا خانىمنى زىيارەت قىلدى.