جياڭ كەيشىنىڭ "خىتاي بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا ئۆتكەن 70 يىللىق ئۆمۈر ھىكايىلىرىم" ناملىق كىتابى (1)

0:00 / 0:00

خىتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق پرىزدېنتى جياڭ كەيشى 70 ياشقا تولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزىنىڭ كۈرەش بىلەن ئۆتكەن ئۆمۈر مۇساپىلىرى ھەققىدە مەخسۇس ئەسلىمە خاراكتېرلىك ئەسەر يېزىپ، نېمە سەۋەبتىن خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ غەلبە قازىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقى ھەققىدە ھېس قىلغانلىرى ھەم تەجرىبىلىرى ھەققىدە توختالغان ئىدى.

سۇن جۇڭشاندىن كېيىن، خىتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى تاكى ۋاپات بولغىچە تۇتقان بۇ سىياسىي ئەرباپ ئۆز ئەسىرىدە كوممۇنىستلارنى تەنقىد قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىككى يۈزلىمىچى، پۇرسەتپەرەس ھەم ۋاپاسىز بىر سىياسىي كۈچ سۈپىتىدە، ئۆزلىرىنى بولسا، ئاق كۆڭۈل، خىتاي مىللىتىنىڭ ئىستىقبالىغا ۋە مەنپەئىتىگە كۆڭۈل بۆلگەن قىلىپ تەسۋىرلەيدۇ.

جياڭ كەيشىنىڭ بۇ ئەسىرى خىتايدا چەكلەڭەن بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئۇنى ئوقۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئىختىيارى مۇخبىرىمىز بۇ ئەسەرنىڭ تۈركچە تەرجىمىسىگە تايىنىپ، ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرىنى تونۇشتۇردى.