تۈركىيىدە "يېڭى ئۇيغۇر تۈركچىسى لۇغىتى" نەشر قىلىندى

0:00 / 0:00

تۈركىيىدە ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى قانات يېيىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە باش مىنىستىرلىققا قاراشلىق تۈرك تەتقىقات مەركىزى يېقىندا سەلجۇق ئۇنۋەرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئىكلىل قۇربان ئەپەندىنىڭ "يېڭى ئۇيغۇر تۈركچىسى لۇغىتى" ناملىق كىتابىنى نەشر قىلىپ تارقاتتى.

ئاپتور بۇ لۇغەتنى 1968-يىلى موسكۋادا نەشر قىلىنغان "ئۇيغۇرچە – رۇسچە لۇغەت" تىن پايدىلىنىپ ئىشلىگەن.

"يېڭى ئۇيغۇر تۈركچىسى لۇغىتى" نەشر قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم ئاپتورنى زىيارەت قىلدى.