ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىزنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئاممىۋى تەشكىلاتلار مەيدانغا چىقماقتا

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلان قىلغان دوكلاتلىرىدىن مەلۇمكى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلى مەيلى ئەيدىزلەر سانى جەھەتتە ياكى تارقىلىش تېزلىكى جەھەتتە بولسۇن، ئەيدىز مەسىلىسى ئەڭ ئېغىر رايونلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئۇيغۇرلار يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ

ئىگىلىشىمىزچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم بولغان ئەيدىزلەرنىڭ يىگىرمە مىڭغا يەتكەنلىكى، ئۇلارنىڭ 90٪تىن كۆپرەكىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى، شۇنداقلا بۇلارنىڭ ئاساسەن زەھەرلىك چېكىملىكنى ئورتاق ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش ئارقىلىق يۇقۇملانغانلار ئىكەنلىكى مەلۇم.

گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىقى تىلغا ئېلىنغانلىقىغا 10 يىل بولغان بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر، ھۆكۈمەت تەرەپتىن مەخسۇس ئەيدىز تەتقىقات ئورگىنى ياكى ئەيدىز دوختۇرخانىسى قۇرۇلمىغان. گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدە ھۆكۈمەت تارمىقىدا جىنسىي كېسەللىكلەر ھەمدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەمئىيىتى نامىدا بىر ئورگان قۇرۇلغان بولسىمۇ، بۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمىتى ئاساسەن، ئەيدىزگە قارشى تەربىيىۋى - تەشۋىقات ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىش بىلەنلا چەكلەنمەكتە.

خالىس كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا

ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز ۋەزىيىتى شۇنچە كەسكىن بولسىمۇ ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانمايۋاتقانلىقى جەمىيەتتىكى بەزى خالىس كىشىلەرنىڭ ئەيدىزنى كونتورۇل قىلىش ئۈچۈن خالىس ھەرىكەت قوللىنىشىغا سەۋەب بولغان.

ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز تەلىم - تەتقىقات تۈرلىرى بويىچە خالىسانە خىزمەت ئىشلەۋاتقان مەلۇم ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان تەشكىلات مۇدىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ نۆۋەتتە جەمئىيەتنىڭ شۇنداقلا خەلقئارالىق ئەيدىز تەتقىقات فوندى ئورۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مەخپىي ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىلدۈردى.

خالىس كىشى بىلەن سۆھبەت

خالىس كىشى- بۇ مەسىلە بىر قەدەر نازۇك، مەن بىخەتەرلىك يۈزىسىدىن بىزنىڭ تەشكىلات نامىمىز ھەمدە ئىسمىمنى ئاشكارلاشنى خالىمايمەن، بەلكىم ھازىرنىڭ ئۆزىدىمۇ تېلېفوندا دېيىشكەن سۆزلىرىمىز، نەزەر ئاستىدا بولىشى مۇمكىن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيدىز مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈش ئۈچۈن تەشكىللەنگەن بۇ پائالىيەتنى مەن ئۇيۇشتۇرغان. مەن ئۆزەم شىنجاڭلىق ئەمەس، مېنىڭ ئەسلى كەسپىم مۇھىت ئاسراش ئىدى ئەمما مەن ئۇيغۇر رايونىغا كەلگەندىن كېيىن بۇ يەردە مۇھىت مەسىلىلىرىدىنمۇ بەكرەك ئېغىر مەسىلىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ ئىچىم ئېچىشتى، ئۇ بولسىمۇ ئەيدىز مەسىلىسى. شۇڭا مەن بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەمدە مۇناسىۋەتلەر ئارقىلىق بىر قىسىم جەمئىيەت ئەزالىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە، ئەيدىزگە قارشى ئىش قىلىۋاتقان خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ دېققىتىنى تارتىشقا تىرىشىمىز، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەيدىز ئىشلىرى ئۈچۈن ياردەم قىلماقچى.

مۇخبىرىمىز - بىلىشىمىزچە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا مەخسۇس ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەمئىيىتى دەپ بىر جەمئىيەت بار ئىكەنغۇ، سىلەرنىڭ ئۇ تەشكىلات بىلەن ئالاقەڭلار يوقمۇ؟

خالىس كىشى- ئۇ سىز دەۋاتقان ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەمىيىتى، ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرىشىدىكى بىر جەمئىيەت، چۈشەندىڭىزمۇ ؟ شۇڭا ئۇنىڭ نېمە ئىش قىلىشى پۈتۈنلەي ھۆكۈمەتنىڭ كونتۇرۇللىقىدا، بىز بولساق بىر خالىسانە ئەركىن گۇرۇپپا. بىز مۇشۇ خاراكتېرىمىز بىلەن تېخىمۇ جىق ئىش قىلالايمىز دەپ ئويلايمىز. چۈنكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەمئىيىتى ھازىرغا قەدەر ئەيدىزلەر ئۈچۈن ھېچقانداق ئىش قىلىپ باقمىدى.

مۇخبىرىمىز - ئۇنداقتا سىزنىڭچە، سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان بۇ ئەھمىيەتلىك ئىشلىرىڭلار ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەمدۇ؟

خالىس كىشى- شۇنداق ھۆكۈمەت بىزنى قارشى ئالمايدۇ، بىز ئۆزىمىزنى تىزىمغىمۇ ئالدۇرمىدۇق، چۈنكى بىزنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرىمىز شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىگە ھەمدە بۇيەردىكى ئەمەلىي ئەھۋال بىلەن زىددىيەتلىك. شۇڭا بۇ ئىشنى ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزلەر ئاساسەن ئۇيغۇرلار بولغاچقا بۇ مەسىلە بۇ جايدا بىر مىللىي مەسىلە ھىساپلىنىدىكەن. باشقا ئەيدىز ئېغىر بولغان جايلاردىن پەرقلىق. شۇڭا بىزنىڭ ئىشلىرىمنى رەسمى باشلىغىچە، يەنى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكىچە بولغان ئارىلىقتا، ئېھتىيات بىلەن پائالىيەت قىلمىساق بولمايدۇ. ھازىرنىڭ ئۆزىدىمۇ تېلىفوننى ئاڭلاۋاتقان بولسا قانداق بولار دەپ جىددىيلىشىۋاتىمەن.

مۇخبىرىمىز - ئۇنداقتا ئەڭ ئاخىرقى بىر سوئالىمنى سوراي، سىزنىڭچە ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ بۇنداق تېز ھەم كەڭ دائىرىدە يامرىشىغا نېمە سەۋەب بولغان ؟

خالىس كىشى- بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشتىن قورقىمەن. مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن، بىزنىمۇ بەك ئاشكارلىۋەتمەسلىكىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. خەير.