0:00 / 0:00
خىتايدىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ بۇلغۇلىنىشى كىشىلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە. خىتاي ئېكولوگىيىسىنىڭ بۇزۇلۇشىغا ئائىت مەسىلىلەرگە پۈتۈن دۇنيا كۆڭۈل بۆلمەكتە. تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىمۇ بۇ ھەقتە تۈرلۈك ئۇچۇرلار ۋە ئانالىزلارنى ئېلان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم بۇرۇن ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇزۇن يىل دوختۇر بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ياشاۋاتقان دوختۇر نۇرمۇھەممەت ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىت مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى.