داۋالاش سۇغۇرتىسى ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا مەنپەئەت يەتكۈزەلەمدۇ؟
2005.04.22
يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت سەھىيە شۇنداقلا سۇغۇرتا شېركەتلىرى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقنىڭ داۋالىنىش ئىشلىرىنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش ھەمدە ھەمكارلىشىپ داۋالاش پروگراملىرىغا قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق ئاساسىي سۇغۇرتا تۈزۈمىدە ئىسلاھات ئېلىپ بارماقتا.
ئۇيغۇر ئېلى خەۋەر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدا داۋالاش ئاساسىي سۇغۇرتىسىنىڭ قاپلاش دائىرىسى كېڭەيتىلىدىكەن. يەنى داۋالاش ئاساسىي سۇغۇرتىسى بۇنىڭدىن كېيىن، ۋەيران بولغان كارخانىلاردىن دەم ئېلىشقا چىققان ۋە خىزمەتتىن قالغانلار، ناھىيە بازارلاردىكى ئىشسىز ئامما، مېيىپلار ھەمدە ئالاھىدە تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بارلارنىمۇ سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرىدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا بۇ يىلدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا -كەنتلىرىدىكى دېھقان -چارۋىچىلارنى ئاساسىي نۇقتا قىلىپ ھەمكارلىشىپ داۋالاشنى يولغا قويىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن دېھقانلارنى ئومۇميۈزلۈك داۋالاش ئاساسىي سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇشنى كېڭەيتمەكتە ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى يۈزرگۈزمەكچى بولغان بۇ داۋالاش سۇغۇرتىسى دېھقانلارغا مەنپەئەت يەتكۈزەلەمدۇ؟ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي كېلەر يىلىدىن باشلاپ دېھقانلاردىن ئالىدىغان بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى
- خىتايدىكى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى نامرات رايونلارنىڭ سەھىيە مەسىلىسى
- دۇنيا بانكىسى، خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشى دېھقانلارغا چوڭ زىيان بولدى
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى باج ئىسلاھاتى ھەققىدە سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزىلىرىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باج ئىسلااھاتىنىڭ ئاقىۋەتلىرى