ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەر راستىنلا ئايروپىلان ھادىسىسىدە قازا قىلدىمۇ؟

0:00 / 0:00
maxmut-parmeshew.jpg
ماخمۇت پارماشېۋ ئەپەندى

27-ئاۋغۇست ،شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسھاقبەگ مۇنونوپ، ئابدۇكېرىم ئابباسوپ ۋە دەلىلقان سۈگۈربايېۋ ۋە باشقىلارنىڭ قازا تاپقان خاتىرە كۈنى دۇر. بۇ ۋەقەگە 56 يىل بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلار ئۆز رەھبەرلىرىنى ئۇنتۇپ قالغىنى يوق.

ئۇلارنىڭ 1949-يىلى، 8-ئاينىڭ 27-كۇنى ئايروپىلان ھادىسىسىدە قازا قىلغانلىقى سوۋەت ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىردەك ھالدا دۇنياغا جاكالانغان بولسىمۇ ،ئەمما بۇ تەسادىپىي ھادىسە دۇنيا تارىخىدىكى مۇھىم سىرلىق ۋەقەلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى ھەمدە تاكى بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا ئىشەنمەي كەلدى.

ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ قازاسىنىڭ مەلۇم سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە ئىكەنلىكىنى شۇنىڭدەك بۇ ئۆلۈمنىڭ باشقا بىر ئۇسۇللار بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقى بىر قىسىم مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب قاتناشقۇچىلىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

ئەخمەتجان قاسىمى شەرقى تۇركىستان جۇمھۇريىتىنىڭ ھەربىي بۆلۈم باشلىق بولۇپ ئىشلىگەندە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە خىزمەت قىلغان مىللى ئارمىيە كاپىتانى، ھەربىي بۆلۈمنىڭ كاتىپى ماخمۇت پارماشېۋ ئەپەندى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئايروپىلان ھادىسىسى بىلەن قازا قىلمىغانلىقىغا ئۆزىنىڭ تولۇق دەلىل-ئىسپاتى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن بىر قىسىم رۇس ئاپتورلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت ماقالە-كىتابلىرىدىمۇ ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ستالىن بىلەن ماۋزېدۇڭنىڭ ھەمكارلىقىنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.(ئۈمىدۋار)