شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى جەڭچىلىرىنىڭ ئەسلىمىلىرى (2)


2006.11.15

shamil-almasbek-150.jpg
شامىل ئالماسبەك ئەپەندى

1933 - يىلى،12 - نويابىر كۈنى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھەمدە 1944 - يىلىدىن 1949 – يىلىغىچە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالىيىدىكى ئۈچ ۋىلايەتتە مەۋجۇت بولغان شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدىكى مۇھىم بىر سەھىپە بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر شانلىق تارىخىدىكى سابىت داموللام، خوجا نىياز ھاجىم، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، ئەلىخان تۆرە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق داھىيلارنىڭ ئازادلىق يولىدىكى خەلقنى تەشكىللەش ۋە رەھبەرلىك قىلىشتەك سىياسى پائالىيەتلىرى، ئابدۇنىياز بەگ، غېنى باتۇر، رىزۋانگۈل قاتارلىق يۈزلىگەن قەھرىمانلارنىڭ ئىش - ئىزلىرىنى دائىم ياد ئېتىشمەكتە.

ھازىر، 1944 - يىلىدىن 1949 - يىلىغىچە داۋاملاشقان شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا قاتناشقانلارنىڭ سانى كۈنسايىن ئازلىماقتا. ھايات ياشاۋاتقان بىر قىسىم پېشقەدەم جەڭچىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەينى يىللاردىكى پائالىيەتلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار بۈگۈن مىللىي ئارمىيە سېپىدە ئۇزۇن يىل دوختۇرلۇق خىزمىتى ئېلىپ بارغان، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى ھەربىي دوختۇرلىرىدىن بىرى، ھازىر تاشكەنت شەھىرىدە ياشاۋاتقان 77 ياشلىق دوختۇر شامىل ئالماسبەك ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.

شامىل ئاكا 1929 - يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، تۆت يىل مىللىي ئارمىيىدە ئىشلىگەن. 1951 - يىلىدىن 1958 - يىلىغىچە بېيجىڭ تىببىيئۇنىۋېرسىتېتىدە ئوقۇغان ھەمدە 1960 - يىلىدىن ئېتىبارەن تاشكەنتتە دوختۇرلۇق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانماقتا.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ھەقسىز داۋالاش يولغا قويغان

doxturlar-300.jpg
شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارىمىيىسى دوختۇرخانىسىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە خىزمەتچىلرى

شامىل ئاكىنىڭ ئېيتىشىچە، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ سەھىيە ئىشلىرى بەلگىلىك دەرىجىدە تەرەققى قىلغان بولۇپ، ھۆكۈمەت قارمىغىدا دوختۇرخانىلار، ساقلىقنى ساقلاش پونكىتلىرى تەسىس قىلىنىپ،ھەقسىز داۋالاش يولغا قويۇلغان. ھەر قانداق بىر پۇقرانىڭ ھەقسىز كېسەل كۆرسىتىش ۋە داۋالىنىش ھوقۇقى بار بولغان. ھۆكۈمەت مەبلەغ ئاجرىتىپ، پۇقرالارغا چېچەكتىن مۇداپىئەلىنىش ۋاكسىنىلىرىنى ھەقسىز ئۇرغان.

مىللىي ئارمىيە داۋالاش ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن

مىللىي ئارمىيىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە باش ھەربىي گوسپىتالى ( ھەربىي دوختۇرخانا) بار بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەر قايسى پولكلارنىڭ سەھىيە بۆلۈملىرى بولغان ھەمدە ھەر قايسى، باتالىيون، روتا، ۋىزۋوتلاردا تىببىي خادىملار خىزمەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپلىگەن شەپقەت ھەمشىرىلىرىمۇ بار ئىدى. قەھرىمان ئۇيغۇر قىزى رىزۋانگۈل ئەنە شۇلارنىڭ بىرىدۇر.

غۇلجىدىكى باش ھەربىي گوسپىتال قارمىغىدا تىببىي خادىملارنى تەربىيىلەش بويىچە ئۈچ ئايلىق، ئالتە ئايلىق كۇرس، كېيىن مەخسۇس ئۈچ يىللىق كۇرس ئېچىلغان بولۇپ، بۇ ئىلىدىكى تىببىي تېخنىكومغا ئاساس بولغان ئىدى. ئىنقىلابنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدە شەپقەت ھەمشىرىلىرى ۋە تىببىي خادىملار ئون نەچچە كۈن تەييارلىقتىن ئۆتكۈزۈلۈپلا، جەڭ مەيدانلىرىغا ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ئۇلار ھەرەمباغ، جىڭ –شىخولاردىكى جەڭلەردە ئاجايىپ باتۇرلۇق كۆرسەتكەن. ئۇيغۇر، قازاق، تاتار ۋە رۇس قىزلىرى ئەرلەر بىلەن بىرگە ئالدىنقى سەپلەردە بىر ياقتىن جەڭ قىلسا، يەنە بىر ياقتىن يارىدارلارنى قۇتقۇزغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار جەڭچى - ئوفىتسېرلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ئىدى.

ھەرەمباغ جەڭ مەيدانىدا قۇربان بولغان 19 ياشلىق رىزۋانگۈل يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوققا قارىماي، يارىدار جەڭچىلەرنى قۇتۇلدۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ قەھرىمانلىقى ئەينى ۋاقىتتا "ئازاد شەرقىي تۈركىستان" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ھەمدە ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ باتۇرلۇقىغا سىمۋول قىلىنغان ئىدى.

ئىنقىلابىڭ دەسلىۋىدە مىللىي ئارمىيە باش دوختۇرخانىسىنى پولكوۋنىك ئۇنۋانىدىكى ماخمۇد روزىباقىيېۋ ئىسىملىك سوۋېت ئىتتىپاقىلىق ئۇيغۇر كىشى باشقۇرغان. كېيىن، يەرلىكلەردىن نىغمەت دوختۇر باشقۇردى. ئۇلار بىۋاسىتە مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شىتابىغا ھەمدە جۇمھۇرىيەت سەھىيە مىنىستىرلىقىغا قارايتتى.

شامىل ئالماسبەك ئەپەندى باشتا ئۈچ ئايلىق كۇرستا ئوقۇغان، كېيىن دوختۇر ھاكىم جاپپار يارۇللابېكوپ ئاچقان مەخسۇس ئۈچ يىللىق كۇرسنى تۈگەتكەن ھەمدە باش شتاب دوختۇرخانىسىدا خىزمەت قىلغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.