شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى جەڭچىلىرىنىڭ ئەسلىمىلىرى (1)


2006.11.13

zunun-arzuyof-et-200.jpg
زۇنۇن ئارزۇيېۋ ئەپەندى مىللىي ئارمىيە فورمىسى بىلەن

1944 - يىلىدىن 1949 - يىلىغىچە داۋاملاشقان شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدىكى مۇھىم بىر سەھىپە بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر شانلىق تارىخىدىكى ئەلىخان تۆرە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق داھىيلارنىڭ ئازادلىق يولىدىكى خەلقنى تەشكىللەش ۋە رەھبەرلىك قىلىشتەك سىياسى پائالىيەتلىرى، غېنى باتۇر، رىزۋانگۈل قاتارلىق ئۇرۇش قەھرىمانلىرىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى دائىم ياد ئېتىشمەكتە.

ھازىر ئەينى ۋاقىتتىكى ئىنقىلابقا قاتناشقانلارنىڭ سانى كۈنسايىن ئازلىماقتا. ئالما-ئاتا شەھىرىدە ياشاۋاتقان 83 ياشلىق زۇنۇن ئارزۇيېۋ ئاكا ئەينى ۋاقىتتا مىللىي ئارمىيىنىڭ پودپولكوۋنىك ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئوفىتسېرى بولۇپ، ئۇ كۆپلىگەن جەڭلەرگە قاتناشقان. ئۇ، ئۆز مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بېشىدىن ئۆتكۈزگەن مۇساپىلىرىنى سۆزلەپ بەردى.

زۇنون ئارزۇيېۋ ئاكا 1923-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان، 1937-1940-يىلى ئۈرۈمچىدىكى ئۆلكىلىك دارىل مۇئەللىمىندە لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئابدۇرېيىم ئۆتكۈر قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ئوقۇغان ھەم كېيىن مال دوختۇرلۇق كەسپى ئۆگەڭەن. ئۇ، 1945 - يىلى مارت ئېيىدا مىللىي ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ، شىمالىي فرونتتىكى جەڭلەردە تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرىنى ئازاد قىلىش سەپلىرىدە جەڭ قىلغان ھەمدە كەڭساي ئاتلىق پولك شىتابىدا ئاتلارنىڭ ساغلاملىقى، داۋالاش ئىشلىرىغا مەسۇل كوماندىر (قوماندانى) بولغان.

ئۇ 1946-يىلى غۇلجىغا يۆتكىلىپ، مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شىتابىدا كومېندانتلىق ( قوغداشقا مەسۇل) ۋەزىپىسىنى ئاقتۇرغان. 1947-يىلى باندىت تازىلاش جەڭلىرىدە بولغان. 1950-يىلىدىن كېيىن ھەربىي سەپتىن بوشاپ، مال دوختۇرلۇق ساھەسىدە خىزمەت قىلغاندىن كېيىن 1958-يىلى قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ، ئالمۇتىغا يەرلەشكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.