ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن دوكتور سۇلتان ماخمۇت بىلەن سۆھبەت


2006.11.10

بۈگۈن 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۇنى قەشقەردە، 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۇنى غۇلجىدا ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇش يىلىنىڭ ھارىپى كۈنى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىككى جۇمھۇرىيەت ھەققىدە كوپ ساندا ماقالە يازغان تۈركىيە تراكيا ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور، دوكتور سۇلتان ماخمۇت ئەپەندى بىلەن زىيارەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ بۇ ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇ دەۋىردىكى دۇنيا ئۆلچەملىرىگە مۇۋاپىق دېموكراتىك، دىن بىلەن سىياسەت ئىشلىرىنى بىر بىرىدىن ئايرىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى، 20-ئەسىردە دۆلەت قۇرغان بۇنداق بىر مىللەتنىڭ بۇگۈنكى ۋەزىيىتىنىڭ قاتتىق ئېچىنىشلىق ئىكەنلىكىنى دەپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنى ئويغىنىشقا چاقىردى. پروفېسسور، دوكتور سۇلتان ماخمۇت ئەپەندى بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنى ئەسلەش ئۈچۈن ئىستانبۇلدا ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەر ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.