مەسۈمجان زۇلپىقاروپنىڭ مىللىي ئىنقىلاب ھەققىدىكى بايانلىرى
2004.11.17

ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدە 12-نويابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ قاتناشقۇچىسى، مىللىي ئارمىيىنىڭ كاپىتانى، يازغۇچى مەسۇمجان زۇلپىقاروپ ئەپەندى 17-نويابىر كۈنى رادىئو ئىستانسىمىزنى زىيارەت قىلىپ، ئۆز مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى، ئۇ ئۆزىنىڭ ھايات مۇساپىلىرى بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش ئۇرۇشلىرىغا قاتنىشىش جەريانىدا كۆرگەن-بىلگەنلىرى ۋە ھېس قىلغانلىرى ھەققىدە توختالدى.
مەسۈمجان زۇلپىقاروپ، مىللىي ئارمىيىنىڭ باتۇر ئوفىتسىرلىرىدىن بولۇپلا قالماستىن بەلكى، ئۇ ئاتاقلىق يازغۇچى ۋە شائىردۇر. ئۇ، قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن، ئىلگىرى-كېيىن 2 توملۇق تارىخىي رومان"يانار تاغلار" نى نەشر قىلدۇرغان. بۇنىڭدا 1865-1883-يىللىرىدا ئىلىدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قوزغىلىڭى ۋە ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ ئەھۋالى سۆزلىنىدۇ. مەسۈمجان زۇلپىقاروپ ئەپەندى لۇتفۇللا مۇتەللىپنىڭ ھاياتى ھەققىدىمۇ 1970-يىللاردا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۇنجى قېتىم رومان يېزىپ نەشر قىلدۇرغان ، يېقىندا ئۇ يەنە "سەرراپ" دېگەن تېمىدىكى ئىككى توملۇق تارىخىي رومانىنىڭ 1-تومىنى كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قازاقىستان ئۇيغۇر مىللىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاققاس ئابباس ئەپەندى بىلەن سۆھبەت
- غۇلجا قوزغىلىڭى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى
- شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىقى يولىدا قۇرۇلغان دەسلەپكى تەشكىلاتلار
- تارىخشۇناس ئىكلىل قۇربان بىلەن سۆھبەت
- مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ پارتلىشى
- ئىنقىلاپنىڭ باشلىنىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب
- شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇروف مەخسۇم بىلەن سۆھبەت