خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كىرىشتىكى شەرت ھەم سەۋەبلىرى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي خەۋەر تور بەتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق ھەربىي رايونىدىكى خىتاي ئەسكەرلەر، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كىرگەنلىكىنىڭ 55 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن "شىنجاڭنىڭ تارىخىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جوڭگونىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن داۋاملىق خىزمەت كۆرسىتەيلى" دىگەن شوئارلار بىلەن ھەرخىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرماقتا ئىكەن.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى قىزىل ئارمىيىسىنىڭ بۇنىڭدىن ئەللىك بەش يىل بۇرۇن ئۇيغۇر ئېلىنى ئازات قىلىشقا كېلىپ، ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىنى گۈللەندۈرۈش، چېگرا رايوندىكى خەلقنى قوغداش ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلدى دەپ تەشۋىق قىلىپ، ئەينى دەۋىردىكى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنى خىتاي ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسمى دەپ كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ شۇ تارىخىي دەۋرلەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەن ھەم بۇنىڭدىن خەۋىرى بار ئۇيغۇرلار، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ 1944 - يىلى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى نەتىجىسىدە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرىنى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە خىتاي ئىمپېراتورلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن 1949 - يىلى يوق قىلغاندىن كېيىن، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشخال قىلىش ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ زېمىن ھەم ھوقۇقلىرىنى تارتىۋېلىشقا كەلگەن ئىشغالىيەتچىلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان زېمىنىغا كىرىش تارىخى سەۋەبلىرى ھەققىدە بىز شۇ دەۋرلەرنىڭ شاھىدلىرىدىن بولغان، ئىلگىرىكى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىدىن قاسىمجان قەمبىرى ئوغلى، ھازىر قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان نازىمجان قەمبىرى بىلەن سۆھبەتتە بولدۇق:

بۇنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلاڭ