ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىچكىرىگە مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلىشىگە ئائىت ھەقسىز لىنىيە سۆھبىتى

0:00 / 0:00

بىز رادىئومىزدا ئوبزورچىمىز سىدىقھاجى روزىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كېتىلىۋاتقانلىغى ھەققىدىكى ئوبزورىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن، بۇ رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان ئىدى. يېقىندا رادىئومىزنىڭ ھەقسىز لىنىيىسىگە تېلېفون قىلغان بىر ئۇيغۇر ياشمۇ ھەقىقەتەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر تۈركۈم ياش ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ناھايىتى تۆۋەن مائاش شەرتى بىلەن ئېلىپ كېتىلىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى.