خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلار كەمسىتىشكە ئۇچرىماقتا


2005.05.27

خىتاي شەھەرلىرىدە سودا - سېتىق ۋە تىجارەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر رايونىغا كېلىپ ئورۇنلاشقان خىتاي كۆچمەنلىرى ئالاھىدە ھەق-ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولماقتا. ھۆكۈمەت ئۇلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ، تىجارەت قىلىمەن دىگەنلەرگە ئىنتايىن ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ھەر جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە قىلماقتا.

ئەمما، تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن ئۆز يۇرتىدا ھېچقانداق ئىمكانىيەت تاپالماي، ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە بېرىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار، ھەم ئۇ يەردىكى خىتايلار تەرىپىدىن كەمسىتىلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ھۆكۈمەت ، بولۇپمۇ ساقچى دائىرىلىرىنىڭ تۈرلۈك بېسىم ۋە زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە .

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر رايونىدىن نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ساقچى يۆتكەپ كېلىپ، خىتاينىڭ تۈرلۈك شەھەرلىرىگە ئورۇنلاشتۇرغان.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى رادىئومىزنىڭ ھەقسىز لىنىيسىگە تېلېفون قىلغان بىر ئاڭلىغۇچىمىزنىڭ مۇخبىرىمىز ئۆمەر قاناتقا بېيجىڭدىكى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتىدىن ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.