0:00 / 0:00
خىتاينىڭ ئىككى يىغىنى ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدە، ئۇيغۇر ياشلىرى رادىئومىزنىڭ ھەقسىز لىنىيىسىگە تېلېفون ئۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى ھەمدە ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىنىڭ يالاقچىلىقى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئىنكاس قىلدى.
بىز بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان بۇ ياش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمەت نېمە دېسە ھە دەيدىغان، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل قارىشى بولمىغان ئىسمائىل تىلىۋالدىدەك كىشىلەرنى رەھبەرلىك ئورنىغا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئېزىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
