0:00 / 0:00
ياپونىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى جىددىيلىشىپ، خىتايدا ياپونىيىگە قارشى نامايىشلار ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى خېلىغىچە نامايىشلار توغرىسىدا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان ئىدى.
رادىئومىزنىڭ ھەقسىز لىنىيىسىگە تېلېفون قىلغان بىر ئۇيغۇر ياش بىزگە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر قايسى مەكتەپلەرگە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى باشقا جايلارغا ئوخشىمىغانلىقى ئۈچۈن ھېچقانداق ئوقۇغۇچىنىڭ نامايىش ئۇيۇشتۇرۇشى ياكى قاتنىشىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.