ئىخلاسمەندىن خەتسالام خەت

0:00 / 0:00

رادىئومىزغا ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن كەلگەن خەتلەر ئىچىدە خىتاي ئۆلكىسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ ئەۋەتكەن بىر پارچە خېتى بىزنىڭ ئالاھىدە دىققىتىمىزنى قوزغىدى، چۈنكى بۇ ياش ئۆزىگە ئوخشاش ياشلارنىڭ ۋەزىيىتى، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر مەسىلىلەر ھەم بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ كۆزىتىشى ۋە مۇلاھىزىلىرىنى شۇنداقلا ئارزۇ ئۈمىدلىرىنى ئىزھار قىلغان.

ھەممىمىزگە مەلۇم ياشلار جەمئىيەتنىڭ ئەڭ سەزگۈر گۇرۇپپىسى، ئۇلار جەمئىيەتنىڭ ئەڭ نازۇك تەرەپلىرىنى ھېس قىلالايدۇ ۋە ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتەلىشى كېرەك. ئۇنداقتا ئۇيغۇر ئېلىدە ۋە ياكى خىتايدا ياشلار قانداق بېسىملارغا ئۇچرىماقتا، ئۇلار جەمئىيەتتىن نېمىلەرنى ھېس قىلىدۇ؟ ئۇلار مىللەت، ۋەتەن، كەلگۈسى ھەققىدە نېمىلەرنى ئويلايدۇ ؟بەلكىم بۇ ياشنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرى مۇشۇ خىل ۋەزىيەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ۋە ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇ ئۈمىدلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرسە كېرەك.

سالام خەت

" ھۆرمەتلىك ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىكى بارلىق قېرىنداشلىرىم:

خىزمىتىڭلارغا يەنىمۇ ئۇتۇق تىلەيمەن، چۈنكى سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلار ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر خىزمەت. چۈنكى مەنمۇ ئاڭلىغۇچىڭلار بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر نەچچە يىلدىن بۇيان رادىئو پىروگرامماڭلار ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىمنىڭ ئۆتمۈشى ھەمدە ھازىرى بىلەن يەنى ھەقىقىي تارىخ بىلەن تېخىمۇ ياخشى تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم.

مېنىڭ سىلەرگە خەت ئەۋەتىشىمگە سىلەرنىڭ ماڭا ئوخشاش خىتاي مائارىپى بىلەن تەربىيىلەنگەن بىر ئۇيغۇر ياشقا رادىئو پروگراملىرىڭلارنىڭ قانچىلىك تەسىرى بارلىقىنى ئىپادىلەش ھەمدە بۇ كۆڭۈل سۆزلىرىمنى، تۇيغۇلىرىمنى ئەركىن ئاۋاز ئارقىلىق ئاڭلىتىش ئارزۇسى تۈرتكە بولدى.

تىل ۋە مەدەنىيەت

مەن ئۆزۈمنى خىتايچە مائارىپىنىڭ بىر مەھسۇلى دېسەم بولىدۇ. كىچىكىمدىن خىتايچە مەكتەپتە ئوقۇغان، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىتاي ئۆلكىسىدە خىزمەت تېپىپ ئىشلەپ كېلىۋاتىمەن.

ئىرق پەرقىگە قارىغاندا مەدەنىيەتنىڭ بىر مىللەتنى ساقلاپ قېلىشتا تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينايدىكەن. بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى پەقەت شۇ مىللەتنىڭ تىلىدا ئەڭ ياخشى ساقلىنىپ ھەم داۋاملىق تەرەققى قىلىدىكەن.

ھازىر ئۇيغۇر مىللىتىمىز دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر مەسىلە تىل ۋە مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ۋەزىيەتتە قالغانلىقى. ۋەتىنىمىز خىتاي مۇستەمكىلىسىدە قالغاندىن بۇيان مەدەنىيەت جەھەتتە بوغۇلۇپ قېلىۋاتىمىز. يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتايلار تىلىمىزنىمۇ يورۇتۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئەركىنلىك ئارزۇسىغا يېتىشىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىزنىلا ئەمەس بەلكى تىل ۋە مەدەنىيىتىمىزنى جان تىكىپ قوغداش تېخىمۇ مۇھىم دەپ قارايمەن. بۇ كۆز ئالدىمىزدىكى ئەڭ جىددى مەسىلە.

خىتايلار بىزنىڭ تىلىمىزنى ھەرگىز ئۆگەنمەيدۇ شۇنداقلا شۇ تىلنىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭمۇ ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىنىشتىن توسىماقتا. ئۇيغۇرنىڭ بىر قىسمى بۇنىڭدىن بىزار بولۇپ، نارازى بولۇپ ئۆز ئارا پىكىرلەشسىمۇ ئەمما ئۇنى ئۆزگەرتىشكە قۇربى يەتمەيۋاتىدۇ، ئەمما بۇنى چۈشىنىپ يېتەلمىگەن نادان كىشىلىرىمىز خىتاينىڭ قوش تىل مائارىپىنى قىزغىن قوللاپلا قالماي كەسپىدە خىتاي تىلىنى ئىشلەتكەندىن سىرت يەنە تۇرمۇشتىمۇ بارغانچە خىتاي تىلىنى سىڭدۈرۈۋاتىدۇ.

تارىخ

تارىختا شانلىق سەھىپىلەرنى ئاچقان ئۇيغۇر مىللىتىمىزنىڭ بۈگۈنكىدەك ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ھەقىقەتەن ئىچىمىزنى ئاچچىق قىلىدۇ.

خىتايلار بىلەن ئوقۇش، خىزمەت قىلىش، ئۇلار بىلەن ياشاش جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدىمكى، بىزنى مەڭگۈ ئايرىلماس قېرىندىشىمىز دەپ كېلىۋاتقان خىتاي مىللىتىگە كەلسەك، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپىنچىسىدە تىلىمىز ئەمەس بەلكى مىللەت پەرقىمىز ھەققىدىمۇ چۈشەنچىسى يوق دىيەرلىك. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىنى خىتاي تىلىنىڭ بىر شىۋىسى دەپ ئويلايدىغانلار كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. بىلىدىغانلىرىمۇ بىزنىڭ ئۇلاردىن پەرقلىق بىر مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى قەستەن يوشۇرىدۇ.

مەنمۇ خىتاي مائارىپىنىڭ، سىياسىتىنىڭ، تەشۋىقاتلىرىنىڭ تەسىرىدە چوڭ بولۇپ، ھەتتا ئالىي مەكتەپكە كىرگۈچە ئۇيغۇرلارنى، ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاينىڭ بىر قىسمى دەپ ئويلايتتىم. ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ تارىخى دەرسىدە " ئۇيغۇرلار 840 يىلىدىن كېيىن ھازىرقى ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈپ كەلگەن دەپ چۈشىنەتتىم. ھەقىقىي تارىخنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، ماتېرىياللارنى كۆرۈپ ھەمدە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ۋە باشقا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن مەن ئۆزەمنى تاپتىم. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياش ئۇيغۇر ئەۋلاتلىرىنى قانچىلىك كۆز بويامچىلىقى بىلەن زەھەرلەپ كەلگەنلىكىنى ئويلاپ نەپرەتلەندىم. تارىخ دەرىسى بەرگەن ئوقۇتقۇچىنىڭ تارىختىكى ئۇيغۇرلارنى قانداق ھاقارەتلىگەنلىرى ئېسىمگە كەلدى. خىتايلار بىزنى ھازىرمۇ ھاقارەتلىمەكتە.

بۇ ھەقتە باشقا قېرىنداشلىرىمنىڭ نېمىلەرنى ھېس قىلغانلىقىنى بىلمەيمەن ئەمما ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە بېرىلىۋاتقان دەرسلىك مەمۇنىمۇ خىتايچە مەكلتەپلەرنىڭكىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. پەقەت يېزىق پەرقلىنىدۇ. خىتايچىدە ئوقۇغان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ تىل ۋە مەدەنىيەت تەسىرىگە بەكرەك ئۇچراپ مەلۇم دەرىجىدە خىتايلاشقان بولسا ئۇيغۇر بالىلارمۇ ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ كىملىكى قانداقلىقىنى بىلمەي يېتىلمەكتە. خىتاينىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى تارىخىمىز، تىلىمىز، مەدەنىيىتىمىزنى ئۇنتۇلدۇرۇش، بۇ ھەر تۈرلۈك سىياسىتىدە ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرماقتا. نۆۋەتتە خىتايدىكى مۈشۈك ئېيىقنىڭ كۈنىمۇ بىزدىن ياخشى.

ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئەڭ چوڭ مىللەتچى ئەڭ چوڭ تېررورچى ئىكەن.

ئەخلاق مەسىلىلىرىگە كەلسەك، چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ كىچىكلەرنى ئىززەتلەش بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسى، ئۆزىنى پاك تۇتۇپ، ئائىلىسىگە سادىق بولۇش ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئەخلاقىمىز. لېكىن ھازىرچۇ بىز بۇ ئەنئەنىۋى ئەخلاق پىرىنسىپلىرىدىن يىراقلاشتۇق ئۇيغۇر ئەركەكلىرى زەھەرلىك چېكىملىكتىن ئىبارەت ئالۋاستى قۇچىقىدا جان تالىشىۋاتقان بولسا، گۈزەل ئۇيغۇر قىزلىرىمىز خىتايلارنىڭ قۇچىقىدا، بۇلارنى كۆرگىنىمدە ئازابلانماي تۇرالامدۇق؟

ئەخلاقىمىزنىڭ بۇزۇلۇشى خىتاينىڭ بىزنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش مەقسىتىگە يېتىشنى ئاسانلاشتۇرماقتا، تېزلەتمەكتە. بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تەربىيىسىنى كۈچەيتىشنىڭ جىددى تەلەپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماقتىمەن. چۈنكى ئائىلە تەربىيە بىر ئىنساننىڭ ئەخلاقىنىڭ يېتىلىشىدە ئەڭ ئاساسلىق رول ئوينايدۇ.

باشقا قېرىنداش مىللەتلەر بولسا، بۇنىڭدىن 60 يىل ئىلگىرى " دىنىمىز ئىسلام، مىللىتىمىز تۈرك، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان" دەپ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا بىرلىكتە جەڭ ئاشقان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە ئۇلار ئۇيغۇرلارنى دۈشمەن قاتارىدا سانىماقتا. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئارىمىزغا ئۆچمەنلىك ئۇرۇقىنى چاچتى. خىتايلار باشقا مىللەتلەرگە بىزگە قارىغاندا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ. ھازىر باشقا مىللەت بىلەن تويلاردىمۇ بىللە بولۇش، ئارىلىشىپ ئۆتۈش ئەھۋالىمۇ ئازلاپ كەتتى.

ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكىدەك ۋەزىيەتكە قېلىشىغا نوپوسىمىزنىڭ ئازلىقى ئەمەس بەلكى بىلىمىمىزنىڭ ئازلىقى، نادانلىقىمىز سەۋەب بولغان دەپ قارايمەن. ھېلىھەم نادان قېلىۋاتىمىز ئەمما بىز بىلەن بىر تۇپراقتا ياشاۋاتقان خىتايلارنىڭ ساپاسى ئۆستى، چۈنكى ئۇلارنىڭ دۆلىتى كۈچلەندى، چۈنكى ھوقۇق خىتايلارنىڭ. ئەركىنلىكنى، ھوقۇقنى بىرى بىزگە بەرمەيدۇ، ئەركىنلىكنى ساقلاپ ئولتۇرسا ئۆزى كەلمەيدۇ، ئەركىنلىك ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك، بۇ تەييارلىق ئۆزىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا بىلىملىك بولۇش دەپ قارايمەن. بار ئىمكانىيەتتىن پايدىلىنىپ خىتايلار بىلەن رىقابەت قىلالىغۇدەك ھەتتا ئۇلارنى بېسىپ چۈشكىدەك ئوقۇشىمىز بىلىم ئىگىلىشىمىز كېرەك. بىلىم بىزنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇشتىكى بىردىن بىر ياردەمچىمىز.

ئەڭ ئاخىرىدا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئەركىن دۇنياغا ئۇيغۇرلارنى، تىلىمىزنى مەدەنىيىتىمىزنى، ھۆرلۈككە بولغان ئارزۇلىرىمىزنى، دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرىمىزنى داۋاملىق كەڭ ئاڭلىتىشنى، بۇ يولدا ھارمىغايسىلەر ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىدىكى بارلىق قېرىنداشلىرىم.