ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ 60 يىللىقى


2005.05.09

RUSSIA_WWII_HISTORY_PARA_42.jpg
9-ماي كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش، رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن ۋە ئۇنىڭ ئايالى لۇدمىلا، فرانسىيە پرېزىدېنتى جەك شىراك موسكۋا قىزىل مەيداندا ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش پائالىيىتىدە. AFP

9-ماي كۈنى، موسكۋادا 1941-يىلىدىن 1945-يىلىغىچە داۋاملاشقان ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلبىسىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن داغدۇغىلىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ مۇراسىمغا ئامېرىكا، خىتاي، گېرمانىيە، فرانسىيە قاتارلىق 50 نەچچە دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، بۇ سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىنكى بىر قېتىملىق ئەڭ داغدۇغىلىق پائالىيەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

خاتىرىلەش مۇراسىمى جەريانىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە قىزىل مەيداندا ھەربىي پاراد ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭغا 7 مىڭ رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ھاۋا، دېڭىز، قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنىڭ ئەسكەرلىرى شۇنىڭدەك ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەتەن ئۇرۇشىغا قاتناشقان 4 مىڭ نەپەر سابىق جەڭچىلەر قاتناشقان.

رەئىس سەھنىسىنىڭ مەركىزىدىن رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ۋە ئۇنىڭ ئايالى ھەم ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش ۋە ئۇنىڭ ئايالى شۇنىڭدەك فرانسىيە، گېرمانىيە ھەم خىتاي رەھبەرلىرى ئورۇن ئالغان.

پاراد ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 50 نەچچە دۆلەت رەھبەرلىرى موسكۋا شەھەر مەركىزىدىكى ئالېكساندىروپسكىي باغچىسىدىكى ئۇرۇش قۇربانلىرىغا بېغىشلانغان مەڭگۈلۈك يالقۇننىڭ ئالدىغا بېرىپ، گۈل قويغان.ۋلادىمىر پۇتىن ۋە باشقا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى يەنە ئۇرۇش قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈش پائالىيىتىمۇ ئۆتكۈزگەن.

ۋەتەن ئۇرۇشىدا قانچىلىك ئادەم ئۆلدى؟

1941-يىلى، 6-ئاينىڭ 22-كۈنى تاڭ سەھەردە گېرمانىيە ئارمىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، ناھايىتى قىسقا مۇددەت ئىچىدە كۆپلىگەن جايلارنى ئىشغال قىلدى ھەمدە موسكۋا، لېنىنگراد ۋە ستالىنگراد قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرنى قورشاۋغا ئالدى. گىتلېرنىڭ ئەسلى پىلانى "چاقماق تېزلىكىدە ئىشغال قىلىش" بولۇپ، ئۈچ ئاي ئىچىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنى يوق قىلىشنى پىلانلىغان.

ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى ئايلىرىدىلا بىر قانچە مىليون سوۋېت ئەسكەرلىرى تارمار بولغان. لېكىن، موسكۋا، ستالىنگراد ئۇرۇشلىرىدا گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ تارمار بولۇشى بىلەن گىتلېرنىڭ پىلانى ئەمەلگە ئاشماي، ئۇرۇش ئۇزۇنغا سوزۇلۇشقا توغرا كەلدى. 1944-يىلى، سوۋېت ئارمىيىسى گېرمانىيە قوشۇنلىرىنى سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى مەقسەت قىلغان ئومۇمىي يۈزلۈك قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى ھەمدە 1945-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى بېرلىننى ئىشغال قىلدى.

سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئۆزلىرىنىنىڭ قۇدرىتىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن، ئۇرۇش جەريانىدا تارتقان چىقىملىرىنى يوشۇرغان ئىدى. يېقىندا رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي ئىۋانوپ ۋەتەن ئۇرۇشى جەريانىدا 27 مىليونغا يېقىن سوۋېت پۇقراسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە؛ ئۇرۇش جەريانىدا 8 مىليون ھەربىي جەڭ مەيدانىدا ئۆلگەن بولسا، 5 مىليونغا يېقىن ئادەم ئەسىرگە چۈشكەن ھەمدە 4 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئىزدېرەكسىز يوقىلىپ كەتكەن.

سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇرۇشتىكى كۆپ سىرلارنى يوشۇرغان ئىدى

ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقى سوۋېت خەلقىنىڭ باتۇرلۇقى، قەھرىمانلىقىنى مەدھىيىلەش بىلەنلا بولۇپ، ھېچقاچان ئۆزىنىڭ خاتالىقلىرىنى سۆزلىمىگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى يىقىلغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن مەخپىي ئارخىپلار ئاشكارىلانغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەھۋالى ناھايىتى ناچار بولغان.

ھەتتا ئەسكەرلەرگە قورال يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولۇپ، بىر قانچە ئادەمگە بىر مىلتىق تەقسىم قىلىنغان . ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ستالىن "بىر قەدەممۇ ئارقىغا چېكىنىشكە رۇخسەت يوق " دەپ بۇيرۇق چۈشۈرگەن بولۇپ، بىر مىليونغا يېقىن جەڭچى ۋە ئوفىتسېر ئارقىغا چېكىڭەنلىكى ۋە باشقا ئىنتىزامسىزلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە خىزمەت قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغان. ستالىننىڭ ئەنە شۇنداق قاتتىق قوللۇقى ۋە ئۆز ئادەملىرىنى ئايىماي، دۈشمەننىڭ ئوقىغا يەم قىلىپ بېرىشى بەدىلىگە بۇ غەلبە قولغا كەلگەن. بەزىدە سوۋېت قوشۇنلىرىنىڭ ئارقىسىدا كگب قىسىملىرىنىڭ بەتلەپ قويغان پىلىموتلىرى ، ئالدىدا گېرمان قوشۇنلىرىنىڭ ئوقلىرى ئاستىدا قىرىلىپ كەتكەن ئەھۋاللارمۇ سادىر بولغان ئىكەن.

ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ غەلبىسى پەقەت رۇسلار تەرىپىدىنلا قولغا كەلمىگەن

گىتلېر گېرمانىيىسى بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، ستالىن پۈتۈن سوۋېت خەلقىنى ئۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا رۇسلاردىن باشقا بارلىق مىللەتلەر جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان. موسكۋا ئۇرۇش باشلىنىش بىلەنلا پۈتۈن ھەربىي سانائەت بازىلىرىنى شەرقىي قىسىمغا جۈملىدىن قازاقىستان ۋە باشقا جايلارغا يۆتكىگەن بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا چوڭ ئارقا سەپلىك رولىنى ئوينىغان. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تاجىك، قارا قالپاق ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ سانسىزلىغان پەرزەنتلىرى ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ئۆلگەن بولۇپ، ئۇلار ئارىسىدىن كۆپلىگەن قەھرىمانلار يېتىشىپ چىققان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قازاقلار ۋە ئۆزبېكلەردىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 90 نەچچە، قىرغىزلاردىن 12 ئادەمگە شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلاردىن 5 ئادەمگە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەھرىمانى دېگەن ئەڭ ئالىي نام بېرىلگەن. ئۇيغۇرلار ئۆز سانىنىڭ بولۇشىغا قارىماي، كۆپ چىقىم تارتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئوغۇل-قىزلىرى موسكۋا، ستالىنگراد جەڭ مەيدانلىرى ۋە ياۋروپا ئۇرۇش مەيدانلىرى ھەتتا بېرلىننى ئىشغال قىلىش ئۇرۇشلىرىدا باتۇرلۇق كۆرسەتكەن ئىكەن.

ھازىر قازاقىستاندا ياشاۋاتقان، 83 ياشلىق رىزۋاڭۈل قادىر ئانا دەل ئەشۇلارنىڭ سىمۋولى بولۇپ، ئۇ 1942-يىلىدىن ئېتىبارەن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە شەرقىي ياۋروپادىكى جەڭ مەيدانلىرىدا شۇنىڭدەك بېرلىننى ئىشغال قىلىش ئۇرۇشىدا بولغان.

بۇ قېتىمقى مۇراسىمغا بىر قىسىم دۆلەت رەھبەرلىرى قاتماشمىغان

ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى تونىي بلايېر، گرۇزىيە پرېزىدېنتى ساكاشىۋېلى ھەمدە ئەستونىيە، لىتۋا قاتارلىق بالتىق جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى مەزكۇر مۇراسىمغا قاتنىشىشنى رەت قىلغان بولۇپ، ئۇلار موسكۋانى يەنىلا زومىگەرلىك بىلەن ئەيىبلىگەن. بالتىق جۇمھۇرىيەتلىرى بولسا، رۇسىيىدىن 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ دۆلەتلەرنى بېسىۋالغانلىقىدىن ئىبارەت تارىخىي ھەقىقەتنى ئەتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئەمما، رۇسىيە بۇ تەلەپنى رەت قىلغان.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە موسكۋا شەھىرىدە بەزى نامايىشلارمۇ يۈز بەرگەندىن سىرت يەنە بىر قىسىم ئىنسان ھوقۇقى قوغدىغۇچىلىرى مۇراجەتنامە يېزىپ، بۈگۈنكى رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دېموكراتىيىگە ، ئىنسان ھەقلىرىگە خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن . موسكۋا ئۆزىنى 2-دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرىدە شەرىقي ياۋروپانى فاشىستلاردىن ئازات قىلغۇچى دەپ مەدھىيىلىسىمۇ، لېكىن شەرقىي ياۋروپادىكى بىر قىسىم خەلقلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزلىرىنى فاشىستلاردىن ئازاد قىلغان بىلەن يەنىلا قايتىدىن ئۆزلىرىنى دىكتاتۇرۇلۇق تۈزۈم ۋە كونتروللۇق ئاستىغا ئالغانلىقىنى سۆكمەكتە.

ھەر يىلى 9-ماي سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن غالبىيەت بايرىمى كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، بۇ بايرام 60 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلمەكتە. 9-ماي بىر قىسىم سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىدىمۇ خاتىرىلەنگەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.