2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلبىسىگە قارىتا ئوخشىمىغان قاراشلار قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقتى (1)

موسكۋادا 2 - دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈشنىڭ ئالدى-كەينىدە، 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆزگۈرۈشلەر ھەققىدە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئوخشىمىغان كۆز قاراش ۋە ئىختىلاپلار قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇنىڭ بىرى "ئازات قىلىندى" دەپ ئاتاش بىلەن "بېسىۋالدى" دەپ ئاتاشتىن ئىبارەت مەنىسى تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل كۆز قاراش ۋە ئىختىلاپ. يەنە بىرى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇشنىڭ "يالتا كېلىشىمى خاتا بولغان" دېگەن كۆز قارىشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ مەسىلىلەر بويىچە نيو-يوركتا تۇرۇشلۇق مەشھۇر سىياسى مۇلاھىزىچى لىن باۋخۇئا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قويغان سۇئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.

كىملەر ئەڭ چوڭ تۆھپىدار؟

لىن باۋخۇئا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، موسكۋادا 2 - دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈشنىڭ ئالدى-كەينىدە ئوتتۇرىغا چىققان كۆز قاراش ۋە ئىختىلار ئالدى بىلەن 2 - دۇنيا ئۇرۇشىغا قانداق باھا بېرىش مەسىلىسى، كىم -كىملەر ئەڭ چوڭ تۆھپىدار، دېگەن مەسىلە. بۇ مەسىلە توغرىسىدا غەربنىڭ دەرسلىك كىتابلىرىدا بايان قىلىنىۋاتقىنى بىلەن شەرقىنىڭ دەرسلىك كىتابلىرىدا بايان قىلىنىشىدا پەرق بار. غەربنىڭ دەرسلىك كىتاپلىرىدا 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا غەربىي سەپتە "نورماندىدا قۇرۇقلۇققا چىقىش" دېگەن ۋەقە بىلەن شەرقىي سەپتە " 2 دانە ئاتوم بومبا" ۋەقەسى ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان دەيدۇ. كوممۇنىست پارتىيىنىڭ دەرسلىك كىتابلىرىدا بولسا، سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ گېرمان فاشىستلىرىنى مەغلۇپ قىلغانلىقى بىلەن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى رەھبەرلىك قىلغان ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسى ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان دەيدۇ. بۇنداق بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل كۆز قاراش باشتىن-ئاخىر داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا كىم يېتەكچىلىك قىلغان؟

لىن باۋخۇ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، غەرب ئەللىرىنىڭ دەرسلىك كىتابلىرىدا بايان قىلىنغىنى ئەمەلىيەتكە بەكراق ئۇيغۇن. ئۇنىڭدا ئۇرۇش جەريانىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ناھايىتى كۆپ چىقىم تارتقانلىقىمۇ ئېتىراپ قىلىنىدۇ. ئەمما كوممۇنىست پارتىيىلەرنىڭ 2 - دۇنيا ئۇرۇشى توغرىسىدىكى كۆز قارىشى ئەمەلىيەتنى بۇرمىلىغان. شەرقى ئۇرۇش سېپىدە، ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىگە تاشلىغان ئىككى ئاتوم بومبىسى ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانلىقى ئېنىق، خىتايدا ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا گومىنداڭنىڭ يېتەكچىلىك قىلغانلىقىمۇ ئېنىق. بۇنىڭغا ھېچكىم كۆز يۇمالمايدۇ. ئەمما خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۆزىنى ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلغان دەپ يالغان سۆزلەيدۇ. كىشىلەرنىڭ ئېسىدە باركى، "پىڭشىڭگۇئەن ئۇرۇشى" دېگەن ئۇرۇش مەسىلىسىدە ، ماۋ زېدوڭ ئەينى ۋاقىتتا لىن بياۋ بىلەن پېڭ دېخۇئەينى "بۇ ئۇرۇشنى قىلماسلىق كېرەك ئىدى، بۇنداق ئۇرۇشتا بىز تەرەپتىن چىقىم بەك كۆپ بولدى، ئەڭ مۇھىمى كوممۇنىست پارتىيىنىڭ كۈچىنى دۈشمەن ئالدىدا ئاشكارىلىغانلىق بولدى " دەپ تەنقىتلىگەن ئىدى. ئەمەلىيەتتە، 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۇرۇشتىن قاچقان، شۇنداقلا ياپونىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن. بۇ مەسىلىدە كوممۇنىست پارتىيىنىڭ يالغانچىلىقىنى پاش قىلىش، بۇنى چوڭ قۇرۇقلۇق خەلقىگە چۈشەندۈرۈش ئاسان. ھازىر 2 - دۇنيا ئۇرۇشى توغرىسىدىكى ئىختىلاپ بولىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ چوڭراقى سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى بېرلىنغا بارغىچە، يول بويى شەرقى ياۋرۇپادىكى باشقا دۆلەتلەرنى بېسىۋالغانلىقىنى قانداق چۈشەندۈرۈش مەسىلىسى. سوۋېت ئىتتىپاقى بېسىۋالغان شۇ دۆلەتلەر كېيىن "مۇستەقىل بولدىئ دېيىلگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھامىلىغىدا تۇردى.

ناسى گېرمانىيىسى بىلەن خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ پەرقى نېمە؟

لىن باۋخۇئا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ناسى گېرمانىيىسىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە قىلغان تاجاۋۇزچىلىقى بىلەن كوممۇنىست پارتىيىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە قىلغان "ئازات قىلىش " دەپ ئاتالغان تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەرقى يوق.

ياۋرۇپادىكى كوممۇنىست پارتىيىلەرمۇ مۇستەبىت، ئەمما ئۇلارنىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىدىن ياخشىراق ئىكەنلىكى ئېنىق. ئۇلار ئۆز خەلقىنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىدەك ئۇنداق رەھىمسىزلىك بىلەن قىرمىغان. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ستالىن دەۋرىدىن كېيىنكى ھازىرقى پۇتىنغا قەدەر بولغان رەھبەرلىرى ئىچىدە، ئۇلارنىڭ ستالىننى مۇستەبىت دەپ ئېتىراپ قىلمايدىغانلىرى يوق. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىگە قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئاز - تولا ۋىجدانى بار. ئەمما خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۆزى خاتالىق ئۆتكەزسە ئۇنى ھەرگىز ئېتىراپ قىلمايدۇ، ھېمىشە خاتالىقنى خەلققە دۆڭگەپ قويىدۇ.

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر قەدەر ئىلغارراق دەپ ئاتىلىدىغان رەھبەرلىرىمۇ، ئۇلار كوممۇنىستلىقىنى تاشلىمىغانلىقى ئۈچۈن، يەنىلا باشقا دۆلەتلەرگە، مەسىلەن، 50 -يىللاردا ۋىنگىرىيىگە، ئۇنىڭدىن كېيىن 60 - يىللاردا چېخسلوۋاكىيىگە تانكا بىلەن بېسىپ كىرىپ، يەرلىك خەلقنىڭ ئەركىنلىك ئارزۇسىنى باستۇردى. دېمەك كوممۇنىست پارتىيە دېگەننىڭ فاشىست گېتلېردىن پەرقى يوق.

كوممۇنىستلار شەكىل جەھەتتىن گېتلېر مىللەتچىلىك قىلىپ يەھۇدىلارنى قىرغاندەك دەھشەتلىك بولمىسىمۇ، ئەمما 39 - يىلدىن 45 - يلىغىچە ھەممىلا جايدا ئۇرۇش بولىۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئەتراپىدىكى دۆلەرنىڭ خەلقىنى قىرغىن قىلىشى سان جەھەتتىن گېتلېردىن كۆپ. ئەمەلىيەتتە 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا گېتلېر گېرمانىيىسى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن سوۋېت ئىتتپاقىنىڭ يېڭى كوممۇنىزم ئىشغالىيىتى داۋاملاشتى. (ۋەلى)