ھەپتىلىك خەۋەرلەر (25-سېنتەبىردىن 1-ئۆكتەبىرگىچە)


2004.10.01

ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

10- ئاينىڭ 1- كۈنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 55 يىللىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 49 يىللىقى بولۇپ، خىتاي دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەن ،ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا ئاتالغان ھېچقانداق خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنىڭ بولمىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. بۇ مەسىلىدە ئىلگىرىلا خىتايچە تەڭرىتاغ تور بېتىدە مۇنازىرە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەسىس قىلىنىش بايرىمىنىڭ چوڭ كۆلەمدە تەبرىكلەنمەيدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئىدى. ئەمما ، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى بىر قانچە ئاي ئىچىدە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، بۆرىتالا ۋە بايىنغولىن موڭول ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىقلارنىڭ ئالاھىدە داغدۇغا بىلەن تەرىپلەنگەنلىكى ھەتتا بۇلارنىڭ بىر قىسىمىغا قازاقىستان، قىرغىزىستان دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ قىلىنغانلىقى مەلۇم.

ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە ھازىر كۆپىنچە رەسمى ۋە نارەسمى سورۇنلاردا ھەمدە مەتبۇئاتلاردا "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى" دېگەن ئاتالغۇ ئىشلىتىلمەي، "شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى" ۋە ياكى "جۇڭگو شىنجاڭ" دېگەندەك ئاتالغۇلار قوللىنىش ئادەتلەنگەن ئىكەن.

ئۆكتەبىر خىتاي دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيە، تۈركىيە، ئامېرىكا قاتارلىق مەملىكەتلەردىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزگەن.

24- سېنتەبىر كۈنى بېيجىڭ شەھىرىگە ئەرز قىلغىلى كەلگەن ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن پىچاق سېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن دوختۇرخانا دائىرلىرى مەزكۇر سىرلىق ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ئېيتىشتىن ئۆزىنى تارتماقتا.

تۈركىيىنىڭ ئاماسىيە شەھىرىگە 35 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا 3500 نوپۇسلۇق ئۇيغۇر ناھىيىسى جايلاشقان. بۇ ناھىيىدىكى كىشىلەر ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر دەپ ئاتىشىدۇ. مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جايغا كەلگەنلىكىگە 700 يىل بولغان ئىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا 23- سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە 22 ياشلىق ئەخەت ئەزىز ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، دەرھال ئىجرا قىلىنغان. ئۇنىڭغا قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن دېگەندەك جىنايەتلەر ئارتىلغان ئىكەن. لېكىن، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىنكاسى مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە؛ ئەخەت ئەزىز بىر قانچە نەپەر ئۆزىنى بوزەك قىلىشقا ئۇرۇنغان خىتايلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاتاقلىق شائىر ئابدۇكەرىم خوجايېۋنىڭ نەۋرىسى، 16 ياشلىق ئەلىشىر قىزىل بايراق بازىرىدا ئاشخانا ئاچقان ئىككى ئاتا-بالا خىتاي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىرچە بۇ دېلودىن خەۋەر يوق ئىكەن.

شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە بىرىنچى تۈركۈمدە 10 كۇرس ئېچىپ، جەمىي 7465 نەپەر ئىمامنى كوم پارتىيىنىڭ سىياسىي ئىدېئولوگىيىسى بىلەن تەربىيىلىگەن. بۇلارنىڭ تەربىيىلىرى ئىچىدە "قۇرانى كەرىم"نىڭ ئايەتلىرىگە قانداق تەبىر بېرىش قاتارلىق مەزمۇنلارمۇ بار ئىكەن.

خەلقارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسى بېيجىڭ دائىرلىرىنى خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيىنى كېڭەيتىشكە چاقىرغان. ئامېرىكا ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شېفلىر دۆلەت مەجلىسىدىكى گۇۋالىق بېرىش يىغىنىدا بۇ خىل مەيدانىنى ئىپادىلىگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىرانغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە كەڭ كۆلەمدە يوقۇتۇش خاراكتېرلىق قورال ياساش تېخنىكىسىنى ساتقان يەتتە خىتاي شىركىتىگە ئىقتىسادىي جازا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئەيىبلەشتە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىراننىڭ بۇ ساھەسىنى مەخپىي ياردەملەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

باغداد شەھىرىدە ئارقا-ئارقىدىن پارتلاش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 14 ئادەم ئۆلگەن نەچچە ئون ئادەم يارىدار بولغان.

30-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكىنىڭ پرىزدېنتلىقى ئۈچۈن سايلامغا چۈشىدىغان دېموكراتلارنىڭ ۋەكىلى جون كەرري بىلەن پرىزدېنتى گېئورگە بۇش ئارىسىدىكى پرىزدېنتلىق مۇنازىرىسى ئۆتكۈزۈلدى. دېموكراتىيىنىڭ ئەڭ يارقىن ئىپادىسى ھېسابلانغان بۇ مۇنازىرىنىڭ سايلامنىڭ تەقدىرىنى بېكىتىشتە بەلگىلىك رول ئوينايدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.