ھەپتىلىك خەۋەرلەر (18-24- ماي)
2005.06.24
رابىيە قادىر لوندوندا
ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىم ئەنگىلىيىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ،خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپى بىلەن 21-ئىيۇن كۈنى لوندون شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، ئۇ جايدىكى ئۇيغۇر جامائىتى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. رابىيە قادىر شۇ كۈنىدىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى.
ئۇنىڭ بىر قاتار پائالىيەتلىرى ئىچىدە ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك ئىشلارنىڭ بىرى شۇكى، 23-ئىيۇن كۈنى خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپلىقى، خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى شەرقىي ئاسىيا-خىتاي بۆلۈمى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ كۈتۈۋېلىشى بولۇپ، رابىيە خانىم بۇ ئورۇنلارنىڭ باشلىقلىرى ۋە خادىملىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە توختالغان شۇنىڭدەك ئۇ يەنە خەلقارادىكى ئاتاقلىق مەتبۇئاتلاردىن ھېساپلىنىدىغان ب ب چ ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. .
لوندوندا ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرى ياڭرىدى
ئۆتكەن ھەپتىنىڭ 21-22-كۈنلىرى خەلقارا پاناھلانغۇچىلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنگىلىيىنىڭ پايتەختى لوندوننىڭ شەھەر مەركىزىدە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ خاتىرىلەش پائالىيىتى بولۇپ ئۆتتى . ئەنگىلىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۇيغۇرچە ناخشا-مۇزىكا نومۇرلىرى كۆرسىتىلدى ۋە رەسىملەر كۆرگەزمە قىلىندى.
ئۇيغۇر رەسسامى خەلقارا كۆرگەزمە پائالىيىتىدە ئالتۇن مۇكاپات ئالدى
قازاقىستانلىق ئۇيغۇر رەسسامى ئابدۇكېرىم ئەيسا يېقىندا فرانسىيىنىڭ كانت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا، رۇسىيە، فرانسىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق 32 دۆلەتتىن كەلگەن 200 گە يېقىن ئاتاقلىق رەسسامنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ مەخسۇس كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان . ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن قازاقىستانغا ۋاكالىتەن بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان ئابدۇكېرىم ئەيسانىڭ" ئاق كۈمۈش رەڭدىكى يولۋاسلار قارا رەڭ ئىچىدە" ناملىق رەسىمى باھالاشقا قويۇلۇپ، ئالتۇن مۇكاپاتقا سازاۋەر بولغان.
ئامېرىكا خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى تەنقىد قىلماقتا
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ب د ت نوپۇس ئىدارىسىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى پىلانلىق تۇغۇتتا ئىشلىتىۋاتقان مەجبۇرلاش ۋە مەجبۇرى بالا قىردۇرۇش ھەمدە پۇقرالارنى بىر پەرزەنتلىك بولۇشقا قىستاپ جازالاش سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىگىچە، خىتايدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئائىلە پىلانى پروگراممىسىنى توڭلىتىشنى تەلەپ قىلغان.
ئەمما، ب د ت ئامېرىكىنىڭ بۇ تەلىپىنى ئاساسسىز دەپ قاراپ، ئۇنى رەت قىلماقتا. ھازىر ئامېرىكا سىياسەت ساھەسىدە خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە بولغان تەنقىدلەر كۈنسايىن ئاشماقتا. تېخى يېقىندىلا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى مەسىلىسىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.
ب د ت ئۆزبېكىستان مۇساپىرلىرىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى
چارشەنبە كۈنى ب د ت باش كاتىپى كوفى ئاننان قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىدىن ئۆزبېكىستاندىن قېچىپ قىرغىزىستانغا كېلىپ پاناھلىنىۋاتقان ئۆزبېك مۇساپىرلىرىنى قوغداپ، ئۇلارنى ئۆزبېكىستانغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىكىنى تەلەپ قىلدى ھەمدە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىمۇ مۇساپىرلار مەسىلىسىدە قىرغىزىستانغا بېسىم ئىشلەتمەسلىككە چاقىردى.
خىتاي قازاق ساقچىلىرىنى تەربىيىلەيدۇ
رۇسىيە ئىتارتاسس ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتىدىن قارىغاندا، قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى بىلەن تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتا شۇنداقلا زەھەرلىك چېكىملىك ئەسكەسچىلىكىگە قارشى كۈرەشتە ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى ئاشۇرۇش ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. خەۋەردىن قارىغاندا خىتاي قازاقىستاننىڭ ئىچكى ئىشلار قىسىملىرىنى تەربىيىلەپ بېرىشكە قوشۇلغان. دېمەك بۇنىڭدىن كېيىن قازاق ساقچىلىرى خىتايدا تەربىيە ئالىدىكەن.
ئافغانىستاندا 64 نەپەر تالىبان جەڭچىسى ئۆلتۈرۈلگەن
ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى رايوندا ئامېرىكا ۋە ئافغانىستان قىسىملىرى بىرلىكتە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، 64 نەپەر تالىبان جەڭچىسىنى ئۆلتۈرگەن.
خىتاي، سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئەمەلدارنى ئەيىبلىدى
خىتاينىڭ تيەنجىن شەھىرىدىن قېچىپ چىقىپ ئاۋسترالىيىدە سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى خاۋ فېڭجۈن، خىتاينىڭ 1999-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى فالۈڭگوڭ ئەزالىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن قۇرغان "610- نومۇرلۇق ئىشخانىسى"نىڭ پۈتۈن مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغان. بۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇنى "پارتىيىگە قارشى چىققان ئەكسىل ئىنقىلابچى" دەپ ئاتىغان . بۇنىڭدىن ئىلگىرى يەنە بىر نەپەر خىتاي دىپلوماتى چەتئەللەردىكى خىتاي جاسۇسلىرى ھەققىدە مەخپىيەتلىكنى پاش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. (ئۈمىدۋار)