بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە، ئامېرىكا كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىببىي تەتقىقاتچىسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئامېرىكا شۆبىسىنىڭ رەئىسى دوختۇر مەمەت ئىمىن ”نۆۋەتتە بىز يۈزلىنىۋاتقان پسىخىكىلىق مەسىلىلەر“ تېمىسىدا مەخسۇس لېكسىيە بەردى. مەزكۇر لېكسىيەدە، ئۇ نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا كۆپ كۆرىلىۋاتقان روھىي ساغلاملىق مەسىلىلىرى ئۈستىدە مەلۇمات بېرىپ، قانداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.
پائالىيەتتە يەنە، دوكتور ئەسەت سۇلايمان بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم شەخسلەرنىڭ بىرى بولغان سەيپىددىن ئەزىزىنىڭ ھاياتى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەپ، ئىككىنجى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ يىقىلىشىدىن ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىغىچە بولغان جەرياندا سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ قانداق رول ئوينىغانلىقىنى تارىخىي پاكىتلار بىلەن بايان قىلدى. زور بۇرۇلۇش دەۋرىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىي شەخسلەرنىڭ ھاياتى ئارقىلىق يورۇتۇلغان سىياسىي قىسمىتى لېكسىيە ئاڭلىغۇچىلارنى كۈچلۈك جەلپ قىلدى.
لېكسىيەلەردىن كېيىن، ئامېرىكىلىق فوتوگراف ناتان دۇدلېس (ئۇيغۇرچە ئىسىمى نۇرشات) ئىشلىگەن ”چۆلدىكى سادا“ ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ 1-قىسىمى قويۇلدى. گۈزەللىك، ئەسلىمە، سېغىنىش ۋە ئۈمىد ئىپادىلەنگەن بۇ فىلىم ناتان ئەپەندى بىلەن ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىلللىرىدا شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزگەن ھايات خاتىرىلىرىدىن باشلىنىپ، ئۇيغۇر ۋەتىنى بىلەن نۇرشاتنىڭ يۇرتى بولغان ئامېرىكا كولىرادو شىتاتىنىڭ مۇھىتى سېلىشتۇرۇلغان ۋە گۈزەل بىر شېئىرنىڭ دېكلاماتسىيەسى بىلەن ئاخىرلاشقان.
ئۇيغۇر روھىي ساغلاملىق تەشەببۇسى تەشكىلاتى 2018 -يىلى ئامېرىكىدا قۇرۇلغان بىر ئورگان بولۇپ، خىتاينىڭ ئېغىر ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك زۇلۇمى تۈپەيلىدىن چەت ئەللەردە ئېغىر روھىي بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر جامائەت ئەزالىرىغا روھىي ساغلاملىق جەھەتتىن ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
