خىتاي ۋە پاكىستان كورلىدا تېررورلۇققا قارشى قۇرۇقلۇق ئارمىيە بىرلەشمە مەشقىنى باشلىدى

خىتاي بىلەن پاكىستان يېقىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ كورلىدا «قاراقورۇم—2026» قۇرۇقلۇق ئارمىيە بىرلىشمە ھەربىي مەشقىنى باشلىغان. بۇ قېتىمقى مەشقتە ئېگىز جايلاردا تېررورلۇققا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش ئاساسلىق نىشان قىلىنغان.

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر بىرلەشمە مەشىق 14-ئۆكتەبىر كورلىدىكى مەلۇم بىر مەشىق بازىسىدا باشلانغان بولۇپ، ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشدىكەن. خىتاي تەرەپنىڭ مەشىقكە قاتناشقان خادىملىرى شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مەلۇم قىسىمىدىن تاللانغان. ئىككى تەرەپ ئارىلاشما تەشكىللەش ئۇسۇلىنى قوللانغان بولۇپ، درون ئىشلىتىش، ھەرىكەتچان نىشاننى قارىغا ئېلىش، يىراق ئارىلىقتىن چىنەپ ئېتىش ھەمدە بىرلەشمە قوماندانلىق قىلىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى پىلانلىغان.

خىتاي-پاكىستان ئىككى تەرەپ ئېلان قىلغان ئۇچۇرلاردا، بۇ قېتىمقى مەشىقنىڭ قايسى تېررولۇق تەشكىلاتلىرىغا قارىتىلغانلىقى ئېنىق ئېيتىلمىدى. ھالبۇكى، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىپلەپ كەلگەنىدى.

ئەنقەرە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرستېتىنڭ دوتسېنتى، ستراتېگىيە مۇتەخەسىسى، دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ زىيارىتىدە خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتە ئىزچىل ھالدا يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ قېتىمقى ھەربىي مەشىقنىڭ مەقسىدى ھەققىدە مۇنداق دېدى: ”پاكىستاندا (ھۆكۈمەتكە قارشى) نۇرغۇن قوراللىق ھەرىكەتلەر بار، خىتاينى نىشانغا ئالغان بەزى تېررور پائالىيەتلەرمۇ بار؛ (بۇ قېتىمقى ھەربىي مەشىق ئارقىلىق) كەلگۈسىدە ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىگە قارشى تەييار تۇرۇش ۋە شۇنداقلا يوشۇرۇن جەھەتتە، ھىندىستان بىلەن جەڭ بولۇپ قالغان تەقدىردە ئىككى تەرەپ قۇرۇقلۇقتا (ھەمكارلىشىپ) جەڭ قىلالايدىغان قابىلىيەتنى كۈچلەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ دەپ قارايمەن.“

”بىرلەشمە سەھەر گېزىتى“نىڭ 11-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھەربىي مۇتەخەسسىسلەر ئىككى دۆلەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقىنىڭ بىر بالداق يۈكسەلگەنلىكىنى، كەلگۈسىدە تېررورلۇققا قارشى چېگرا ھالقىغان ھەرىكەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ئېھتىماللىقىنى چەتكە قاققىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.