كېرىيە ناھىيىسىدە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى قادالغان
شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن كېرىيە ناھىيە بازىرىغا تىكلەنگەن. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىتنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇنىڭدىن بەش كۈن ئىلگىرى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيىسىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنىڭ ناھىيە بازىرىغا تىكلەنگەنلىك خەۋىرى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ ئىشتىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى ناھىيە بويىچە كەڭ كۆلەملىك ئاختۇرۇش ھەرىكىتى قوزغاپ، كېرىيە ناھىيىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۈستىدىن سوراق ئېلىپ بارغان.
ماۋزېدوڭنىڭ سۈرىتىگە سىيا چاچقان ياش قويۇپ بېرىلدى
1989-يىلى، تيەنەنمېن ھەرىكىتى يۈز بېرىپ ھازىرغىچە بولغان 17 يىلدىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىدە تۈرلۈك قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغان ژورنالىست ۋە دېموكراتىك پائالىيەتچى يۈ دوڭيۆنىڭ نېرۋىسى بۇزۇلغان ھالدا تۈرمىدىن چىققان . خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى 22-فېۋرال، چارشەنبە كۈنى تۈرمىدىن تۇيۇقسىز قويۇپ بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇنىڭدىن ھەيران بولغان ھەمدە خۇشال بولغان. ئەمما يۈنىڭ نۆۋەتتىكى سالامەتلىك ئەھۋالى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئەندىشىگە سالغان بولۇپ، يۈ دوڭيۆنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئېيتىشىچە، يۈنىڭ ھازىرقى ئەقلىي قابىلىيىتى ۋە تەپەككۈر ئىقتىدارىمۇ ناھايىتى تۆۋەن ئىكەن: "ئۇ ھازىر خۇددى 3-4 ياشلىق بالىلاردەكلا، نېمە ئىش بولسا گەپ قوشۇپ بىر نېمىلەرنى دەپ باقىدۇ. كىچىك بالىلاردەكلا بولۇپ قاپتۇ" دەيدۇ يۈنىڭ سىڭلىسى.
قازاقىستاندىكى قالايمىقانچىلىقلار
قازاقىستان بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ باشلىقى نارتاي دۇتبايېۋ قول ئاستىدىكى بىر نەچچە كىشىلەرنىڭ، قازاقىستاندىكى داڭلىق سىياسىي ئۆكتىچى ئالتىنبېك سەرسانبايېۋنىڭ ئۆلۈمىگە چېتىلىپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن چارشەنبە كۈنى خىزمىتىدىن ئىستىپا بەردى.
قازاقىستاندىكى ئۆكتىچىلەر ئالتىنبېكنىڭ ئۆلۈمىنىڭ بىر سىياسىي سۇيىقەست بولۇپ، بۇنىڭدا بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ قولى بارلىغىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغان دېگەن گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنغان 6 كىشىنىڭ ئىچىدە 5 ئى بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئادەملىرى بولۇپ چىققان. قازاقىستان ئۆكتىچىلىرى يەنە پارلامېنت باشلىقىنىمۇ ئىستىپاغا چاقىرغان، نۆۋەتتە ، ۋەزىيەت قازاقىستاندا مۇرەككەپلەشمەكتە ئىكەن.
ئالتىنبېك سەرسانبايېۋ قازاقىستان ناغىز ئاق يول پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى بولۇپ، ئۇ 11- فېۋرال كۈنى گۆرۈگە ئېلىنىپ شوپۇرى بىلەن بىرگە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.
مۇشەررەف خىتاي بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلدى
پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋەز مۇشەررەف خىتايدىكى زىيارىتى مەزگىلىدە، ئىككى دۆلەت بىخەتەرلىك ساھەلىرىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنى ئىمزالاپ، "3 خىل كۈچلەر" گە ئورتاق زەربە بېرىشكە كېلىشتى. ئىككى تەرەپ ئىمزالىغان 13 خىل كېلىشىمدە، ئۇلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك، تېررورچىلىق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە بىرلىكتە قارشى تۇرىدىغانلىقى شۇنداقلا بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋەز مۇشەررەف يەنە، پاكىستاننىڭ گۋادار پورتىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە تۇتىشىدىغان نېفىت تۇرۇببىسى ياساشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداق بولغاندا ئىران ۋە ئافرىقىدىن كېلىدىغان خام نېفىت گۋادار پورتى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىگە، ئاندىن كېيىن خىتايغا توشۇلىدىكەن.
مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى يىللىق دوكلات ئېلان قىلدى.
يېقىندا مەركىزى نييوركتىكى مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى مەخسۇس يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، بۇلتۇر بىر يىل ئىچىدە دۇنيادىكى 50 تىن ئارتۇق دۆلەتتە يۈز بەرگەن ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ئائىت مەسىلىلەرنى يەنى مەتبۇئاتنى كونترول قىلىش ۋە باستۇرۇش، مەتبۇئاتقا تەھدىت ۋە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق ۋەقەلەرنى بىر - بىرلەپ ئوتتۇرىغا قويغان.
مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتتا، خىتايدىكى مەتبۇئات مەسىلىسى ھەققىدە بايان قىلىنغان بولۇپ، " خىتاي، دۇنيا بويىچە مەتبۇئاتنى ئەڭ قاتتىق كونترول قىلغان دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ھەمدە بۇلتۇر بىر يىل ئىچىدە، خىتايدا جەمى 32 نەپەر مۇخبىر قولغا ئېلىنغان" دەپ كۆرسىتىلگەن.
خىتاي پىلانلىق تۇغۇت ئۈچۈن پۇل ئاجراتتى
خىتاينىڭ " 11- بەش يىللىق پىلانى" مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەر يىلى 6 مىليون يۈئەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت تورى قۇرۇلۇشىغا سەرىپ قىلىدىكەن. بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەر تارقاتقان بولۇپ، يېزا قىشلاقلاردىكى پىلانلىق تۇغۇتنىڭ چىڭ تۇتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە، بولۇپمۇ يېقىنقى بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى پىلانلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى پىلانلىق تۇغۇت ئىشلىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، نوپۇسنى كونترول قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئورۇنلاپ كەلگەنلىكى مەلۇم قىلىنغان.
"تۈركىي تىللار دىۋانى" تۈركىيىدە قايتا نەشىر قىلىندى
يېقىندا تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى كابالچى نەشرىياتى تۈرك دۇنياسىنىڭ ئاتاقلىق تىلشۇناسى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ "تۈركىي تىللار دىۋانى" ناملىق ئالەمشۇمۇل كىتابىنى ھازىرقى زامان لۇغەتچىلىك قائىدىسىگە مۇۋاپىق ھالدا قايتىدىن نەشر قىلدى.
"تۈركىي تىللار دىۋانى" 1939-يىلى تۈرك تىلى ئالىمى بېسىم ئاتالاي تەرىپىدىن تۈركچە نەشر قىلدۇرۇلغاندىن بۇيان ئۆزبېك، رۇس، قازاق، ئىنگلىز تىللىرىدا نەشر قىلىنغان. 1980 يىللارنىڭ باشلىرىدا "تۈركىي تىللار دىۋانى" نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچىسى 3 توم قىلىپ نەشر قىلىنغان. "تۈركىي تىللار دىۋانى" نىڭ ئەسلى قوليازما نۇسخىسى ئىستانبۇلدىكى مىللەت كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا. (ئۈمىدۋار)