تەتقىقاتچى جېن بۇنىن ب د ت نى پاكىتلار بىلەن تەمىنلەش كۆرسەتمىسى ئېلان قىلدى

5-ئاپرىل، تەتقىقاتچى، ”شاھىت بىز“ تورىنىڭ قۇرغۇچىسى جېن بۇنىن ئۆزىنىڭ فېيسبۇك سەھىپىسىدە ”ب د ت نىڭ مەخسۇس تەرتىپلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش“ دېگەن ماۋزۇلۇق بىر كۆرسەتمىنى ئېلان قىلدى.

5-ئاپرىل، تەتقىقاتچى، ”شاھىت بىز“ تورىنىڭ قۇرغۇچىسى جېن بۇنىن ئۆزىنىڭ فېيسبۇك سەھىپىسىدە ”ب د ت نىڭ مەخسۇس تەرتىپلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش“ دېگەن ماۋزۇلۇق بىر كۆرسەتمىنى ئېلان قىلدى.

”كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنىڭ قورالى“ دەپ ئىسىم قويۇلغان بۇ كۆرسەتمىنى ئەسلى خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى مۇلازىمەت مەركىزى IHRS لايىھەلىگەن بولۇپ، ئۇيغۇر شاھىدلار ياكى پاكىت بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئىنسان ھەقلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسىس ۋە گورۇپپىلارغا ماتېرىيال ئەۋەتىشىگە يول كۆرسىتىش مەقسىتىدە، ئۇيغۇر تىلىدا ناھايىتى رەڭدار، ئىخچام ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ تەييارلانغان.

بۇ كۆرسەتمە ب د ت نىڭ مەخسۇس تەرتىپلىرى دېگەن نېمە؟ ئالاقىنامىلەر دېگەن نېمە، ئۇلار نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟ ماتېرىياللارنى قانداق ئۈنۈملۈك تاپشۇرۇش كېرەك؟ مەخسۇس تەرتىپلەرنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىشىنى قانداق قولغا كەلتۈرۈش كېرەك؟ مەخسۇس تەرتىپ ھەرىكەتلىرىگە ئېرىشىش ۋە ئۇلارنى ئىز قوغلاپ كۆزىتىش، بىخەتەرلىك ۋە ئۆچ ئېلىشلار قاتارلىق ئالتە بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى قارمىقىدىكى مۇتەخەسىس ۋە گورۇپپىلارنى مەلۇمات بىلەن تەمنىلەشنىڭ ئەھمىيىتى، كونكرېت قەدەم باسقۇچلىرى ۋە ئېرىشىش ئېھتىمالى بولغان نەتىجە قاتارلىقلار كۆرسىتىلگەن.

جېن بۇنىن بۇ كۆرسەتمىگە ئىزھات بىرىپ، ئۆزىنىڭ يېرىم يىل ئاۋۋال ب د ت دىكىلەر بىلەن پاراڭلاشقاندا، ئۇلارغا ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك گورۇپپىلىرىنىڭ كۆپىنچە ئۇيغۇرلارغا نامەلۇم ئىكەنلىكىنى، ب د ت نىڭمۇ بۇ جەھەتتە يىتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتمىگەنلىكىنى ئېيتىپ، ئاشۇ گورۇپپىلارنى ئۇيغۇرلارغا تونۇشتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

جېن بۇنىن 2018-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ سانلىق ئامبىرى بولغان ”شاھىت بىز“ تورىنى قۇرغان بولۇپ، بۇ خىزمەتنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.