خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر ئەتلىسى تونۇشتۇرۇلدى

يىغىندا تەتقىقاتچى زۇلھايات ئۆتكۈر «ئۇيغۇر ئەتلەس موتىفلىرىنىڭ تارىخىي-مەدەنىيەت قاتلاملىرى توغرىسىدا» تېمىسىدا ئايرىم دوكلات سۇندى.

14-مايدىن 16-مايغىچە، تۈركىيەنىڭ مەرسىن ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئەنئەنىدىن كېلەچەككە ئاناتولىيە موتىفلىرى» تېمىسىدىكى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر ئەتلىسى ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيەت قاتلاملىرى تونۇشتۇرۇلدى. يىغىنغا تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قىرغىزىستان، قازاقىستان، ئىران ۋە شىۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 170 نەپەر تەتقىقاتچى قاتناشتى.

يىغىندا تەتقىقاتچى زۇلھايات ئۆتكۈر «ئۇيغۇر ئەتلەس موتىفلىرىنىڭ تارىخىي-مەدەنىيەت قاتلاملىرى توغرىسىدا» تېمىسىدا ئايرىم دوكلات سۇندى. ئۇ دوكلاتىدا ئەتلەس نۇسخىلىرىدىكى «قوچقىراق»، «شەيتان قۇلۇب» ۋە «ھاياتلىق دەرىخى» قاتارلىق موتىفلارنىڭ تۇرپان تام رەسىملىرىدىكى ئەڭ دەسلەپكى ئۆرنەكلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. شۇنداقلا، تۈرك سەنئىتىدە كۆپ قوللىنىلىدىغان «خاتايى» موتىفىنىڭ ئەسلى مەنبەسىنىڭ يىپەك يۇرتى—خوتەن ئىكەنلىكىنى ئىلمىي پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ چوڭ تىپتىكى ئىلمىي يىغىلىش قەدىمىي يىپەك يولىدىن تاكى ئاناتولىيەگىچە سوزۇلغان زېمىندىكى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، شېئىرىيەت ۋە مەدەنىيەت-سەنئەتتە كۆرۈلىدىغان موتىف دەپ ئاتىلىدىغان سىمۋوللۇق ئېلېمېنت ۋە نەقىشلەرنى مەدەنىيەت بەلباغلىرى ۋە پەنلەرنىڭ ئۆزئارا كېسىشكەن نۇقتىسىدا تۇرۇپ مۇھاكىمە قىلىش مەقسەت قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇلغان.

يىغىن جەريانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەدەنىيەت مىراسىنى ۋە ئارخېئولوگىيەلىك تېپىلمىلارنى خىتاي تارىخىغا باغلاپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان سىياسىي سۈيىقەستلىرى تەنقىد قىلىندى. دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر بۈگۈنكى تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ ئۇلىدا قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت يىلتىزى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

زۇلھايات خانىمنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا بىلدۈرىشىچە، يىغىندا تەتقىقاتچىلار مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دوپپا ۋە ئەتلەسنىڭ كىملىك ساقلاشتىكى مۇھىم قورال ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئىلمىي پاكىتلار ئارقىلىق زەربە بېرىشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.