ستارباكىسنىڭ ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ مۈلكىنى ئىگىلىۋالغانلىقى ئاشكارىلانماقتا

ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپلەرگە يېمەك-ئىچمەك توشۇيدىغان بىر شىركەت شوپۇرىنىڭ رادىيومىزغا بايان قىلىشىچە، ئىلگىرى ”بايلىق“ شىركىتىنىڭ خادىملىرى ئۇنىڭغا ھازىر سىتارباكس دۇكان ئاچقان ئورۇننىڭ ئۆز شىركىتىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ماشىنىسىنى خاتىرجەم توختاتسا بولىدىغانلىقىنى دېگەن.

ۋاشىنگتوندىكى ”كۆزەت“ ئاخبارات تورىنىڭ 21-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش خەۋىرىدە، ستارباكسنىڭ ئۈرۈمچىدە يېڭى ئاچقان دۇكىنىنىڭ ئۇيغۇر مەھكۇم جىبرىللا ئەنۋەرنىڭ مۇسادىرە قىلىنغان سودا بىناسىغا تام قوشنا ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. بىزنىڭ ئۈرۈمچىگە قاراتقان تېلېفون زىيارەتلىرىمىزدە، ستارباكس دۇكىنىنىڭ جىبرىللانىڭ بىناسىغا قوشنىلا ئەمەس، بەلكى دۇكان سېلىنغان ئورۇننىڭ ئەسلىدە جىبرىللانىڭ بىناسى يېنىدىكى ماشىنا كىرىش يولى ئىكەنلىكى، بۇ يولنىڭمۇ جىبرىللاغا تەۋە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ ئېھتىماللىققا جىددىي قاراپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار ئورگانلارنى ستارباكسنىڭ جىبرىللانىڭ مۈلكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈشكە چاقىردى.

”كۆزەت“ تورىنىڭ خىتاي سوت ھۆججەتلىرى، ئوچۇق سودا ئارخىپلىرى، سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ بايانلىرىغا ئاساسلىنىپ خەۋەر قىلىشىچە، ستارباكسنىڭ 29-سېنتەبىر ئۈرۈمچىنىڭ دۆڭكۆۋرۈك رايونىدا ئاچقان يېڭى دۇكىنى ئۇيغۇر تىجارەتچى جىبرىللا ئەنۋەرنىڭ ئائىلىسىگە تەۋە ”بايلىق“ شىركىتىنىڭ ئىلگىرىكى سودا بىناسىغا تام قوشنا بولۇپ، بىنانىڭ يېنىدىكى بۇرۇنقى ماشىنا كىرىش يولى ئورنىغا سېلىنغان.

خەۋەرگە قارىغاندا، جىبرىللا ئەنىۋەر 2019-يىلى خوتەننىڭ لوپ ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ”تېررورلۇق پائالىيىتىگە ياردەم بېرىش“بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرمىگە سولانغان ۋە ئۇنىڭ بارلىق مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش قارار قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ ئائىلىسىگە تەۋە ”بايلىق“ شىركىتىنىڭ بارلىق پايلىرى سوت ئارقىلىق جۇڭجياڭشىركىتىگە ئۆتكۈزۈلگەن.

”كۆزەت“نىڭ تەكشۈرۈشىدە، ”بايلىق“ شىركىتىنىڭ سودا بىناسى ۋە ئۇنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ماشىنا توختىتىش مەيدانلىرىغا ئىگىدارچىلىق قىلغانلىقى سوت ھۆججەتلىرى ئارقىلىق كۆرسىتىلگەن. ئەمما ستارباكس دۇكىنى سېلىنغان ئورۇننىڭمۇ مەزكۇر مۇسادىرە قىلىنغان مۈلۈكنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى قانۇنىي مۈلۈكچىلىك ھۆججەتلىرى بىلەن تولۇق ئېنىقلانمىغان.

رادىيومىزنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپلەرگە يېمەك-ئىچمەك توشۇيدىغان بىر شىركەت شوپۇرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم ماشىنىسىنى دەل ھازىر ستارباكس دۇكىنى ئېچىلغان ئورۇنغا توختاتقان. ئۇ چاغدا ”بايلىق“ شىركىتىنىڭ خادىملىرى ئۇنىڭغا بۇ ئورۇننىڭ ئۆز شىركىتىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ماشىنىسىنى خاتىرجەم توختىتىشنى دېگەن.

رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر مەنبە بولسا، مەزكۇر ئورۇننىڭ مۈلۈكچىلىك چېگراسى ئېنىق بولمىغان، تالاش-تارتىشلىق زېمىن ئىكەنلىكىنى، جىبرىللا ئەنۋەر تۈرمىگە تاشلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭ باشقا مۈلۈكلىرى بىلەن بىرلىكتە مۇسادىرە قىلىنغانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇ ئىككى مەنبەنىڭ بايانلىرى ستارباكس دۇكىنى سېلىنغان ئورۇننىڭ ئىلگىرى ”بايلىق“ شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەنلىكىگە دائىر يېڭى ئۇچۇرلارنى بەرسىمۇ، زېمىننىڭ قانۇنىي مۈلۈكچىلىك ھوقۇقى ھازىرچە مۇستەقىل دەلىللەنمىدى. ستارباكسنىڭ بۇ دۇكاننى ئېچىشتىن بۇرۇن زېمىننىڭ ئىلگىرىكى مۈلۈكچىلىك تارىخى ۋە مۇسادىرە قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان-بارمىغانلىقىمۇ مەلۇم ئەمەس.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇننىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلىدىن كېيىن ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن داۋامىدا نۇرغۇن ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلغان. بۇ مۈلۈكلەر كېيىنچە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قولىغا ئۆتكەن بولۇپ، بەزى مۈلۈكلەرنىڭ چېگراسى ۋە ئىگىدارچىلىق مۇناسىۋىتى ھازىرمۇ ئېنىق ئەمەس.

تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ستارباكسنىڭ ئۇيغۇر مەھكۇمنىڭ ئائىلىسىدىن مۇسادىرە قىلىنغان زېمىندىن پايدىلانغانلىق ئېھتىماللىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇنى ”ستارباكسنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا بىۋاسىتە شېرىكلىشىۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر پاكىتى“ دەپ ئاتىدى.

تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن، ئەگەر بۇ ئەھۋال راست بولۇپ چىقسا، ستارباكسنىڭ بۇ ھەرىكىتى خەلقئارا سودا ئەخلاقى ۋە شىركەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە شېرىك بولماسلىق پىرىنسىپىغا خىلاپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارادىكى ئالاقىدار ئورگانلارنى ستارباكس دۇكىنى بىلەن مۇسادىرە قىلىنغان ئۇيغۇر مۈلكى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەكشۈرۈشكە، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە چاقىردى.

”ئۇيغۇرلارنى قوغداش“ تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى ئارسلان ھىدايەتمۇ بۇ ئەھۋالنى پەقەت ئادەتتىكى بىر سودا ئەخلاقى مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ مۈلكىدىن مەنپەئەت ئېلىشتەك پەسكەشلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ، ستارباكسنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ مۈلكىدىن پايدىلانغانلىقى ئىسپاتلانسا، بۇنىڭ ”جىنايەتنىڭ ئۈستىگە جىنايەت“ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، شىركەتنى كەلگۈسىدە يۈزلىنىشى مۇمكىن بولغان جاۋابكارلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى. ئۇ ستارباكسنى ئۆز پائالىيىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا شېرىك بولۇپ قېلىش خەۋپىنى جىددىي ئويلىشىشقا چاقىردى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئۆمەر قانات بولسا، ستارباكسنىڭ ئۈرۈمچىدىكى دۇكىنى بىلەن مۇسادىرە قىلىنغان ئۇيغۇر مۈلكى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى بۇ مەسىلىنى تەكشۈرۈشكە دەۋەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.